UyghurMain Dictionary
گائاگا تىنچلىق يىغىنى
دۇنيا تارىخى
(1) تۇنجى قېتىملىق دۇنيا مىقياسىدىكى تىنچلىق يىغىنى. روسىينىڭ تەكلىپى بويىچە 1899 - يىلى 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى گائاگادا چاقىرىلغان. ئامېرىكا، ئەنگلىيە، روسىيە، فرانسىيە، ياپونىيە، جۇڭگو قاتارلىق 26 دۆلەت قاتناشقان. ئۇنىڭ رەسمىي ۋەزىپىسى ھەربىي ھازىرلىقلارنى چەكلەش ۋە تىنچىلققا كاپالەتلىك قىلشتىن ئىبارەت، لېكىن ماھىيەتلىك قارار چىقىرىلمىغان، پەقەت <ھازىرقى دۇنيادا ئېغىر سېلىق بولۇپ تۇرغان ھەربىي خىراجەتنى چەكلەش> ئۈمىد قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ئۈچ ئەھدىنامە ئىمزالانغان ھەمدە ھەربىي ھەرىكەتلەرنى چەكلەشنىڭ ئۇسۇلى توغرىسىدىكى ئۈچ بايانات ماقۇللانغان. (2) ئىككىنچى قېتىملىق دۇنيا مىقياسىدىكى تىنچلىق يىغىنى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تېئودورې روزۋېلىت تەكلىپ قىلغان، روسىيىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، 1907 - يىلى 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى گائاگادا چاقىرىلغان. تۇنجى قېتىملىق يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەر ۋە ئوتتۇرا، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى بولۇپ جەمئىي 44 دۆلەت قاتناشقان. ئۇ 1899 - يىلىدىكى ئۈچ ئەھدىنامىنى قاراپ چىققان ھەمدە يېڭىدىن ئون ئەھدىنامىنى ماقۇللىغان ھەمدە ئۈچىنچى قېتىملىق تىنچلىق يىغىنىنى ئورۇنلاشتۇرغان، بۇ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلاش بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلمىغان.