UyghurMain Dictionary
تىنچلىق پەرمانى
دۇنيا تارىخى
روسىيە سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى پەرمانلىرىدىن بىرى. لېنىن تەييارلىغان. 1917 - يىل 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى (رۇس كالېندارى بويىچە 01 - ئاينىڭ 26 - كۈنى) دا پۈتۈن روسىيە ئىشچى - ئەسكەرلەر ۋەكىللەر سوۋېتىنىڭ 2 - قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان. پەرماندا جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنى داۋاملىق ئېلىپ بېرىش <ئىنسانىيەتكە قارشى چىكىدىن ئاشقان جىنايەت> دەپ ئەيىبلىگەن؛ بارلىق ئۇرۇش قىلىۋاتقان دۆلەتلەر خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە دەرھال ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، ئادىل، دىموكراتىك سۈلھ شەرتنامىسى ئىمزالاپ، يەر بۆلۈپ بەرمەيدىغان، تۆلەم تۆلىمەيدىغان تىنچلىقىن ئىشقا ئاشۇرۇش تەكلىپ قىلىنغان؛ باشقا دۆلەتلەرنىڭ زىمىنلىرىغا تاجاۋۇز قىلىش ۋە ئۇنى قوشۇۋېلىشقا قارشى تۇرۇپ، ئومۇمەن بىر ئاجىز كىچىك مىللەتنى بىر قۇدرەتلىك دۆلەت قوشۇۋالغاندا، بۇ مىللەتنىڭ ئېنىق ۋە ئىختىيارلىق ئىپادىسىگە ئىگە بولالمىسا، بۇ قوشۇۋېلىش ياكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ زىمىنىنى بېسىۋېلىش ھەرىكىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، دەپ كۆرسىتىلگەن؛ مەخپىي دىپلوماتىيىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەشەببۇس قىلىنىپ، روسىيە پومىشچىك، بۇرژۇئا ھۆكۈمىتى 1917 - يىل فېۋرالدىن ئۆكتەبرگىچە ئىمزالىغان بارلىق مەخپىي شەرتنامىلەرنىڭ شەرتسىز بىكار قىلىنغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇ سوۋېت دۆلىتى تۇنجى تاشقى سىياسەتنىڭ پروگرامما خاراكتىرلىك ھۆججىتى ھېسابلىنىدۇ