UyghurMain Dictionary
ئوب دەرياسى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
سوۋت ئىتتىپاقىدىكى چوڭ دەريالارنىڭ بىرى. باش مەنبەسى ئالتاي تاغلىرىدىن باشلىنىدىغان بىيا ھەم كاتون دەريالىرىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان. شەرقىي شىمالدىن غەربىي شىمالغا قاراپ غەربىي سىبىرىيىنى ئۇزۇنىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، شىمالىي مۇز ئوكياندىكى كارسكى دېڭىزىنىڭ ئوب قولتۇقىغا قۇيۇلىدۇ. ئىككى تارماقنىڭ قوشۇلغان يېرىدىن ھېسابلىغاندا ئۇزۇنلۇقى 3650 كىلومېتىر كېلىدۇ. كۆلىمى 2 مىليون 975 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ئىچكى ئېقىن رايونىنىڭ مەيدانىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا 2 مىليون 990 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. مۇھىم تارماقلىرى ئېرتىش، چولىم، توم قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. دەريانىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىن رايونلىرى تۈزلەڭلىك بولغانلىقتىن، دەريا ۋادىسى كەڭ، بۇ جايلاردا سۇنىڭ ئېقىپ چىقىشى ياخشى بولمىغانلىقتىن، كەڭ دائىرىلىك سازلىقلار، كۆللەر ھاسىل بولغان، دەريا ئاغزىدىكى ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى 12 مىڭ 700 كۇب مېتىر سېكۇنتقا يېتىدۇ، يىللىق ئومۇمىي ئېقىن مىقدارى 400 كۇب كىلومېتىر كېلىدۇ. دەريانىڭ غول ھەم تارماق لىنىيىلىرىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا نۇرغۇنلىغان سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرى بار. دەريا باسسېين رايونىدا كۆمۈر، تۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز، رەڭلىك مېتاللار، ئورمان ھەم سۇ ئېنېرگىيە بايلىقى ناھايىتى مول. دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى ئىككى تارماق قوشۇلغان يېرىدىن باشلاپ قاتناش قىلىشقا بولىدۇ. دەريا سۈيىنىڭ مۇزلاش ۋاقتى ئۇزۇن، قاتناش قىلىشقا بولىدىغان ۋاقتى 5-6 ئايغا يېتىدۇ. دەريا بويىدا بارنائۇل، يېڭى سىبرىسكى قاتارلىق مۇھىم پورتلار بار.