UyghurMain Dictionary
ئوكسۇس دەرياسى
دۇنيا تارىخى
يەنى ئامۇ دەرياسى. ھىندىقۇش تاغ تىزمىلىرىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىن باشلىنىپ، يۇقىرى، ئوتتۇرا قىسىملىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئافغانىستاننىڭ چېگرا دەرياسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىككى تەرىپىدە كۆپلىگەن تارماقلىرى بار، تۆۋەن ئېقىمى تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبىكىستان قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ چېگرىسىدىن ئېقىپ ئۆتۈپ، ئارال دېڭىزىغا قويۇلىدۇ. دەريانىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2540 كىلومېتىر. قەدىمكى گرېك تىلىدا Oxus دەپ ئاتىلىدۇ. جۇڭگونىڭ <تارىخىي خاتىرىلەر>، <خەننامە> لىرىدە ۋىيشۈي دېيىلگەن. <شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى> دا ئوشۈي دەرياسى، <سۈينامە> ۋە <كونا تاڭنامە>، <يېڭى تاڭنامە> لاردا ئوكسۇس دەرياسى دېيىلگەن بولۇپ، ئوكسۇس بىلەن ئاھاڭداش ئېلىنغان.