UyghurMain Dictionary
ئۆمەر ھەييام
دۇنيا تارىخى
(1048 - 1122) پارسلاردىن چىققان شائىر، ماتېماتىك ۋە ئاسترونوم. نىشاپوردىكى قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلەپكى يىللاردا ئوبدان تەربىيە كۆرگەن، بىلىمى كەڭ. سەمەرقەندتە ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئالېگبرا ئىلمىي ماقالىسىنى يازغان. كېيىن سالجۇقىيلار ئىمپېرىيىسىنىڭ سۇلتانى مەلىكشاھ (1072 - 1073 - يىللىرى تەختتە) نىڭ تەكلىپى بويىچە، پېرسىيە يىلنامىسىنى تۈزۈشكە قاتناشقان. 1079 - يىلى باشقا ئالىملار بىلەن بىرلىشىپ جۇلىئۇس يىلنامىسىدىنمۇ ئىنچىكە بولغان جالال يىلنامىسىنى تۈزگەن. مەلىكشاھ ئۆلگەندىن كېيىن پاناھسىز قېلىپ، ئوردىدىن چىقىپ مەككىگە بېرىپ تاۋاب قىلغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىنى يۇرتىدا ئۆتكۈزگەن، بىرنەچچە يۈز رۇبائىي يازغان. ئۇ ئۆز شېئىرلىرىدا ئەركىنلىك ۋە راھەت - پاراغەتنى تەرغىپ قىلغان، تەركىدۇنياچىلىققا قارشى تۇرغان؛ ئۇنىڭ پىكرى چوڭقۇر، پەلسەپىۋى قائىدىگە ئىگە، لېكىن قۇيۇق مىستىتسىزم، ئۈمىدسىزلىك تۈسكىمۇ ئىگە.