UyghurMain Dictionary
ھاجى ئۆمەر تال
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1794 - 1864) غەربىي ئافرىقىدىكى ئىسلامىيەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە جىھاد قىلىش داھىيىسى. تۈركرول پادىشاھلىقىنى قۇرغان ئادەم. سېنېگالنىڭ شىمالىدىكى بودولدا دونياغا كەلگەن. ياشلىق دەۋرىدە فۇتاگارونشاتنا بازىرىدا مۇددەرىس بولدى ھەمدە تىجانىيەگە كىردى. 1825 - يىلى مەككىگە بېرىپ ھەج قىلىپ، تىجانىيەنىڭ ئىمامى غالىنى ئۇستاز تۇتۇپ، بۇيرۇق بويىچە تىجانىيەگە رەھبەرلىك قىلدى. 1831 - يىلى سوكوتوغا قايتىپ كەلدى. 1840 - يىلى فۇتاگارونغا كۆچۈپ بېرىپ، قوراللىق كۈچ تەشكىللىدى ۋە تەرەققىي قىلدۇردى. 1852 - يىلى جىھاد قىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بەنيا، قالتا، سايگو، ماشىنا ۋە يانباقتۇ قاتارلىق جايلارنى بويسۇندۇرۇپ، نىئورونى پايتەخت قىلدى. 1863 - يىلى ھەمدالاشتا مۇھاسىرىگە ئېلىنىپ، كېيىنكى يىلى 2 - ئايدا شېھىت بولدى. ئۇنىڭ پادىشاھلىقى يېرىم ئەسىردەك مەۋجۇت بۇلۇپ، كېيىن فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىچى قوشۇنى تەرىپىدىن يوقىتىلدى