UyghurMain Dictionary
ھاۋا تەڭشىگۈچ
ئېلېكترون بىلىملىرى
ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئۆي ئىچىنىڭ تېمېپراتۇرىسىنى، نەملىك دەرىجىسىنى، ھاۋانىڭ ئۆتۈشۈشىنى تەڭشەش ۋە ھاۋانى تازىلاش قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارى بار.
ئائىلىلەردە ۋە مېھمانسارايلار دېرىزە شەكىللىك ھاۋا تەڭشىگۈچ ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭ تېمپېراتۇرىنى تەڭشەش ئۇسۇلى توڭلاتقۇغا ئوخشاش سوۋۇتۇشتىن ئىبارەت. ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئىچىدە مىجەزى تېتىك بولغان بىر خىل سوۋۇتۇش خۇرۇچى بار بولۇپ، ناھايىتى تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ئەتراپىدىكى ئىسسىقلىقنى ئۆزىگە سۈمۈرۈپ، ھورلىنىپ گازغا ئايلىنىدۇ. ھاۋا تەڭشىگۈچ ئېچىلغاندىن كېيىن، كومپرېسسور بۇ خىل سوۋۇتۇش خۇرۇچىنى قىسىپ يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق يۇقىرى بېسىملىق ھورغا ئايلاندۇرۇپ، ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ كەينى قىسمىدىكى سوۋۇتقۇچقا يوللاپ بېرىدۇ، توكلۇق يەلپۈگۈچتىن پايدىلىنىپ سىرتتىن شوراپ كىرگۈزۈلگەن ھاۋا ناھايىتى تېزلىكتە سوۋۇتقۇچتىن ئۆتكۈزۈلىدۇ، سوۋۇتۇش خۇرۇچى ئىسسىقلىق چىقىرىپ، سىرتتىن شوراپ كىرگۈزۈلگەن ھاۋانى ئىسستقاندىن كېيىن، ئارقا تەرەپتىن سىرتقا چىقىرىۋېتىدۇ. سوۋۇتۇش خۇرۇچى سوۋۇتۇپ يۇقىرى بېسىملىق سۇيۇقلۇققا ئايلانغاندىن كېيىن، ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئالدىنقى قىسمىدىكى ھورلاندۇرغۇچقا يوللاپ بېرىلىدۇ. بۇ چاغدا، ئۆي ئىچىدىكى ھاۋا ئالدىنقى تەرەپتىكى مەركەزدىن قاچما توكلۇق يەلپۈگۈچ ئارقىلىق شورىلىپ ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ھورلاندۇرغۇچتىن ئۆتىدۇ، سوۋۇتۇش خۇرۇچى ھورلىنىپ ئىسسىقلىق سۈمۈرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆي ئىچىدىن كىرگەن ھاۋا تېمېپراتۇرىسى تۆۋەنلەپ سوغۇق ھاۋاغا ئايلىنىدۇ، ئاندىن شامال يولىدىن ئۆتۈپ شامال چىقىرىش رېشاتكىسى ئارقىلىق ئۆي ئىچىگە پۈركۈلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۆي ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەيدۇ.
ھاۋا تەڭشىگۈچكە سۈزۈش تورى ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۆي ئىچىدىكى ھاۋا كىرگەن چاغدا، سۈزۈش تورىدىن ئۆتۈپ ئۈزلۈكسىز تازىلانغاندىن كېيىن، سوغۇق ھاۋاغا ئايلىنىپ ئۆي ئىچىگە كىرىدۇ، شۇنداق قىلىپ ھاۋا تەڭشىگۈچ ھاۋانى تازىلاش رولىنىمۇ ئوينايدۇ.
ئۆي ئىچىدىكى ھاۋا ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئىچىگە شوراپ كىرگۈزۈلۈپ، ھورلاندۇرغۇچتىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەيدۇ. ئەگەر ھاۋانىڭ نىسپىي نەملىكى چوڭراق بولسا، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى سۇ ھورلىرى تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەش جەريانىدا سۇغا ئايلىنىپ، ھورلاندۇرغۇچنىڭ تېگىدىكى سۇ يىغىش تەخسىسىگە يىغىلىپ، ئاندىن تۇرۇبا ئارقىلىق ئېقىپ سىرتقا چىقىپ كېتىدۇ. بۇ، نەملىكىنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينايدۇ.
ئېلېكتر ماشىنىسى (ماتور) مەركەزدىن قاچما توكلۇق يەلپۈگۈچنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، سوغۇق ھاۋانى بەلگىلىك تېزلىكتە ئۆي ئىچىگە ھەيدەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شامال چىقىرىش رېشاتكىسىغا ئىرغاڭلىتىش قۇرۇلمىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۇ، رېشاتكىنى ئوڭ - سولغا ئىرغاڭلىتىپ، سوغۇق شامالنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ، نەتىجىدە ھاۋا ئېقىمىنىڭ ئېقىشى تەڭشىلىپ، ئادەم سالقىن ھېس قىلىدۇ.
نۇرغۇن زامانىۋى دېرىزە شەكىللىك ھاۋا تەڭشىگۈچلەر يازدا سوۋۇتۇش، قىشتا ئىسسىتىش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا، بەزىلەر ئۇنى »ئىسسىتىش - سوۋۇتۇش شامال ماشىنىسى« دەپمۇ ئاتايدۇ. ئىسسىق بىلەن سوغۇقنىڭ ئالمىشىشى ئېلېكتر ماگنىتلىق يۆنىلىش ئالماشتۇرۇش قاپقىقىغا تايىنىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭ رولى سوۋۇتۇش خۇرۇچىنىڭ ئېقىش يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆي ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھاۋانىڭ ئىسسىقلىق ئالمىشىشىنى ئەكسىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىسسىق بىلەن سوغۇقنىڭ ئۆزگىرىش ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت.
فورېئوندىن ئىبارەت بۇ سوۋۇتۇش خۇرۇچى، يەر شارىنىڭ ئوزون قەۋىتىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ئۈچۈن، نۇرغۇن دۆلەتلەر لىتىي برومىد، تېترافتورئېتان قاتارلىق يېڭى سوۋۇتۇش خۇرۇچلىرىنى تەتقىق قىلىپ چىقىشقا تىرىشماقتا.1992 - يىلى، دۆلىتىمىزنىڭ چاڭشا شەھىرى بىۋاسىتە يېنىشلىق لىتىي برومىد ماشىنىلار گۇرۇپپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تەتقىق قىلىپ چىقىپ، دۇنيا بويىچە يېڭى تىپتىكى ھاۋا تەڭشىگۈچنى مۇستەقىل ئىشلەپچىقىرالايدىغان دۆلەتكە ئايلاندى.