—Reference
سۇيۇق كرىستال
خىمىيە بىلىملىرى
ھازىرقى زامان بازارلىرىدىكى ھېسابلاش ماشىنىلىرى كۆپلىگەن ئىقتىدارلارغا ئىگە. بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ھېسابلاش ئېلىپ بېرىشقىمۇ، كالېندار سۈپىتىدە پايدىلىنىپ ئاي، كۈن ۋە ۋاقىتنى كۆرسىتىشكىمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئۇ ئارقىلىق قەرەللىك خەۋەر مەلۇم قىلىشقا توغرا كەلسە، ۋاقىت توشقاندا »دۇ، دۇ« دېگەن ئاۋازنى چىقىرىدۇ. ئەنە شۇنداق كۆپلىگەن ئىقتىدارلار كىچىككىنە ئېكراندا كۆرۈنىدۇ. مانا بۇ كىچىككىنە ئېكران يېڭى ماتېرىيال − سۇيۇق كرىستالدىن ئىشلەنگەن.
سۇيۇق كرىستال دېگەن زادى قانداق ماددا، ئۇ قانداق كەشىپ قىلىنغان1888
- يىلى ئاۋسترالىيىلىك ئالىم لېنېنتسىر غەلىتە بىر خىل ئورگانىك بىرىكمىنى سىنتېزلىغان بولۇپ، ئۇ ئىككى خىل سۇيۇقلىنىش نۇقتىسىغا ئىگە ئىدى. ئۇنىڭ قاتتىق ھالەتتىكى كرىستالىنى ℃145 قىچە قىزدۇرغاندا سۇيۇقلۇققا ئايلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ دۇغ ھالەتتە بولغان، بارلىق ساپ ماددىلار سۇيۇقلانغان چاغدا بولسا سۇيۇقلۇق سۈزۈك ھالەتتە بولغان. ئۇ ℃175 قىچە داۋاملىق قىزدۇرۇلغاندا يەنە بىر قېتىم سۇيۇقلىنىپ سۈپسۈزۈك سۇيۇقلۇققا ئايلانغان. كېيىن، گېرمانىيىلىك فىزىكا ئالىمى رېمان «ئوتتۇرا بەلۋاغ»دا تۇرغان دۇغ سۇيۇقلۇقنى سۇيۇق كرىستال دەپ ئاتىغان. ئۇ، ئات دېسە ئات ئەمەس، ئېشەك دېسە ئېشەك ئەمەس بولغانلىقى ئۈچۈن، بەزى كىشىلەر ئۇنى ئورگانىك ماددىلار ساھەسىدىكى «قېچىر» دەپ ئاتاشقان. سۇيۇق كرىستال بايقالغاندىن كېيىن، كىشىلەر ئۇنىڭ زادى نېمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلمىگەن،1968 - يىلىغا كەلگەندىلا ئاندىن كىشىلەر ئۇنى ئېلېكترون سانائىتىنىڭ مۇھىم ماتېرىيالى قىلىپ ئىشلەتكەن.
ئېلېكترونلۇق سائەت، ھېسابلاش ماشىنىلىرىدىكى سۇيۇق كرىستال زادى نېمە ئۈچۈن سانلارنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ؟ ئەسلىدە سۇيۇق كرىستاللار نورمال ئەھۋالدا تۇرغاندا، ئۇنىڭ مولېكۇلىلىرى ئىنتايىن تەرتىپلىك تىزىلغانلىقتىن سۈزۈك، تىنىق بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن توك ئۆتكەندىن كېيىن مولېكۇلىلارنىڭ تىزىلىشى قالايمىقانلىشىپ، بىر قىسىم سۇيۇق كرىستاللار سۈزۈكلۈكىنى يوقىتىپ رەڭگى قېنىقلىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سانلار ۋە سۈرەتلەر ئېكراندا كۆرۈنىدۇ.
سۇيۇق كرىستاللارنىڭ رەڭ ئۆزگەرتىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، كىشىلەر ئۇنى تېمپېراتۇرىنى كۆرسىتىش، زەھەرلىك گازلاردىن ئالدىن خەۋەر بېرىش ئىشلىرىغا ئىشلەتكەن. مەسىلەن، سۇيۇق كرىستاللار تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ. رەڭگى قىزىلدىن يېشىل، كۆككە ئۆزگىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مەلۇم بىر تەجرىبىدىكى تېمپېراتۇرىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. سۇيۇق كرىستاللار ھىدروخلورىد، سىيانىد كىسلاتا قاتارلىق زەھەرلىك گازلار بىلەن ئۇچراشقاندىمۇ رەڭگى ئۆزگىرىدۇ. خىمىيە زاۋۇتلىرىدا كىشىلەر سۇيۇق كرىستال ياپراقچىلىرىنى تامغا ئېسىپ قويىدۇ. ئاز مىقداردا زەھەرلىك گاز چىققان ھامان ئۇنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىدۇ. بۇ ھال كىشىلەرنى گاز قاچقان يەرلەرنى دەرھال تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپ قىلىشقا ئاگاھلاندۇرىدۇ.