UyghurMain Dictionary
دۇنيا ئىسلام كېڭىشى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
دۇنيا مۇسۇلمانلىرى كېڭىشىمۇ دېيىلىدۇ. پان ئىسلامىزملىق خەلقئارا تەشكىلات بولۇپ، 1926 - يىلى مەككىدە قۇرۇلغان. باش ئورگىنى ئېرۇسالىمدا بولغان. 1949 - يىلى پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىگە كۆچۈرۈلدى. كۇئالالۇمپۇر، بېيرۇت، مۇقدىشو، نيۇ - يورك قاتارلىق جايلاردا ئىش بېجىرىش ئورگانلىرى تەسىس قىلدى. 1931 -، 1949 -، 1951 -، 1962 -، 1964 -، 1967 -، 1980 - ۋە 1988 - يىللىرى يەتتە قېتىم قۇرۇلتاي، بىر قېتىم ئالاھىدە يىغىن ئاچتى. مەقسىتى: دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىسلام دىنىنى تەبلىغ قىلىش، دۆلەت، رايون ھالقىغان پاك ئىسلامىزمنى تەرغىبات قىلىش، <مۇسۇلمان ئاز سانلىقلار> نىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، سىرتتىن كەلگەن دەھرىيلىك تەسىرگە تاقابىل تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇنىڭ 67 ئەزا دۆلىتى ۋە رايونلۇق تەشكىلاتى بار. 60 - يىلدىن باشلاپ، ب د ت دا <غەيرىي ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك مەسلىھەت ئورگىنى> نىڭ ئورنىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ. <مۇسۇلمانلار دۇنياسى> ناملىق ھەپتىلىك ژۇرنال (ئىنگىلىز تىلدا)، <دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئىلمىي ژۇرنىلى> چىقىرىدۇ. ئىسلام ئاۋازى رادىئو ئىستانىسىسى بار.