UyghurMain Dictionary
دۇنيا
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
1. ئالەم، جاھان، كائىنات، يەر يۈزى، يەتتە ئىقلىم.
دۇنيا قاراش.* دۇنيا بازىرى.* دۇنيا ئۇرۇشى.* دۇنيانى سۇ باسسا، ئۆردەككە نېمە غەم ( ماقال ).* دۇنيا ئىبرەت سارىيى.
2. دىنىي چۈشەنچە بويىچە ئىككى دۇنيانىڭ بىرى. بۇ دۇنيا، ئۇ دۇنيا.* دۇنياغا كەلمەك.* دۇنيادىن ئۆتمەك.* بۇ دۇنيادىن كەتمەك.* ئۇ دۇنيا، بۇ دۇنيا دوست.* دۇنيا ئىشىنى ئاخىرەتكە قويما.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
بايلىق، مال _ مۈلۈك، دۆلەت .
دەپنە _ دۇنيا.* ئادەم ئۆلىدۇ، دۇنيا قالىدۇ ( ماقال ).* دۇنيا دېگەن قولنىڭ كىرى.* ئاتاڭدىن دۇنيا قالغۇچە، ھۈنەر قالسۇن ( ماقال ).
دۇنيا _ يىلان، يىلانچىدۇر دۇنيا ئىزدىگەن،
يىلانچىدىن ئاخىر يىلان ئۆچ ئالار جەزمەن.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت
ئاجايىپ، غەلىتە نەرسە. « بىر » بىلەن قوشۇلۇپ كېلىدۇ.
ھەر بىر كاللا _ بىر دۇنيا.* ئۇ ئۆز ئالدىغا بىر دۇنيا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەتراپىمىزنى ئوراپ تۇرغان پۈتۈن مەۋجۇدات، يەر شارى ئۈستىدىكى ھەممە يەر.
دۇنيا قاراش؛ ھايۋانات دۇنياسى؛ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى؛ دۇنيا تىلى؛ تەركىي دۇنيا؛ بىۋاپا دۇنيا. ئالەم كېمىسى؛ ئالەمنى مالەم قىلماق؛ ئالەم كەزمەك. بۇ ئالەم _ ئۇزۇن ئالەم. مەندە بار، سەندە بار، ئالەمدە يوق، ئۇ نېمە؟ (_ چېكىت). ئالما ساتقىلى چىقسام، قىزىلىنى تاللايدۇ، ئالەمدە كىشى يوقتەك، كۆڭلۈم سىزنى خالايدۇ. جاھان تۇتماق؛ جاھاندا بىر؛ جاھاندارچىلىق قىلماق؛ جاھان سورىماق؛ جاھانكەزدى؛ جاھانغا پاتماسلىق؛ جاھاننىڭ رەپتارىغا كىرىۋالماق؛ جاھان تەكشى ئەمەس؛ جاھاننىڭ كارى چاغلىق. يەر يۈزىدىن ئەقىل يوقىلىپ كەتسىمۇ ھېچكىم ئۆزىنى نادان دېمەيدۇ، نادان. يەريۈزىدىكى دەرەخ زاتىنى شامال ئىرغىتار. ھەممىدىن كۆڭۈل ئىتتىك بىردەمنىڭ ئىچىدە 18 مىڭ ئالەمنى ئايلىنىپ چىقالايدۇ. يەتتە ئىقلىمنى كېزىپ چىقتىم، كۆڭلۈمگە يارىغۇدەك مەھبۇب تاپالمىدىم، دېدى يىگىت. بۇنداق چىرايلىق قىز يەتتە ئىقلىمدا يوق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
تەبىئەت ۋە ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى بارلىق شەيئىلەرنىڭ جۇغلانمىسى.
دۇنيا چەكسىز، ئۇنىڭدا ھەممە ئاجايىپ - غارايىپ نەرسىلەر بولغىنىدەك، ئاجايىپ - غارايىپ ئىشلارمۇ بولۇپ تۇرىدۇ.
تەبىئەتنىڭ ئايرىم بىر قىسمى.
ھايۋانات دۇنياسى. يۇلتۇزلار دۇنياسى.
يەر شارىدىكى بارلىق جايلار.
دۇنيانى ئايلانماق. دۇنيانى كەزمەك.
ھاياتلىق، ياشاش، تىرىكچىلىك.
مېنىڭمۇ يادىمدا، شۇ ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ئالدىمدا بىر دۇنيا ئېچىلدى.
كىشىلەر ياشاۋاتقان ئالەم، جەمئىيەت؛ ئۆلگەندىن كېيىن بارىدىغان جاي.
بۇ دۇنيا. ئۇ دۇنيا. دۇنيادىن ئۆتمەك.
جەمئىيەت تەرەققىياتنىڭ مەلۇم باسقۇچتىكى ۋەزىيەت، تۈزۈم.
كاپىتالىزم دۇنياسى. سوتسىيالىزىم دۇنياسى.
كىشىلەرنىڭ مەلۇم پائالىيەت دائىرىسى.
ئوبيېكتىپ دۇنيا. ئىچكى دۇنيا.
كۆچمە. بىر - بىرىگە مۇتلەق ئوخشىمايدىغان، پۈتۈنلەي پەرقلىنىپ تۇرىدىغان نەرسە.
مەلىكىزات بىلەن بۇ ئىككىسى تامامەن باشقا - باشقا دۇنيا ئىدى.
ساھە، مۇنبەر.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جاھانشۇمۇل ئەدىبلىرى ئەدەبىيات دۇنياسىدا ئۆچمەس نادىر ئەسەرلەرنى ياراتقانىدى.
كۆچمە. بايلىق، مال - مۈلۈك، دۆلەت.
ئاتاڭدىن دۇنيا قالغۇچە ھۈنەر قالسۇن (ماقال).
ئادەم ئۆلىدۇ، دۇنيا قالىدۇ (ماقال).