UyghurMain Dictionary
دۇنيادىن كەتمەك
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ھاياتىدىن ئايرىلماق، ياشاشتىن توختىماق.
تۇغۇلماق، تۆرەلمەك، دۇنياغا كەلمەك
ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن چۈشۈپ ياشاشقا باشلىماق.
بىر كۈندە تۇغۇلغان بارماقمۇ تەڭ ئەمەس. ئۆلگەننىڭ كەينىدىن ئۆلگىلى بولماس. مىڭ ئۆلۈپ بىر تىرىلدىم. تۆرەلمىسەڭ ئۆلمەيتتىڭ. ئاكام ئايروپىلان ۋەقەسىدە قازا تاپقان. ھۆرمەتلىك سادىروۋ ۋاپات بولدى. ئانام رەھمىتى قۇچىقىمدا جان ئۈزدى. سېمىز ئورۇقلىغىچە، ئۇرۇق جان ئۈزەر. دۇنياغا كەلدىڭ مېھمانسەن، ئاخىر دۇنيادىن كېتىسەن. ئايشەمخان ئاچام بۈگۈن ئالەمدىن ئۆتتى. ئالىيجاناب ئادەم نەپىسى (تىنىقى) توختىغاندىلا ئۆگىنىشنى توختىتىدۇ. جەڭچى ئالدىنقى سەپتە، شائىر يېزىق ئۈستىلىدە، ئارتىس سەھنىدە جان بېرىشى كېرەك. ئاتام مەككە، ئاتام مەككە،
تۇغۇلدۇم بىر كۈن ئۆلمەككە.
ئاتالاردىن مىراس قالغان.
قارا يەرگە كۆمۈلمەككە.