UyghurMain Dictionary
دۇنيادىكى يەتتە مۆجىزە
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى دەۋىردىكى يەتتە مەشھۇر قۇرۇلۇش ۋە ھەيكەلنىڭ ئاتىلىشى ئادەتتە(1) ئەلئېرام، يەنى مىسىردىكى فىرئەۋىن (پادىشاھلارنىڭ)قەبرىسى، بۇنى ئىچىدە تۆتىنچى سۇلالىنىڭ فىرئەۋىنى خۇفۇنىڭ قەبرىسى ئەڭ كۆركەم بولۇپ، ئىگىزلىكى 146.5 مېتىر، ھەر تەرەپنىڭ تەكتى ئۇزۇنلىقى 230 مېتىر بولۇپ، 2 مىليون 300 مىڭ پارچە يوغان تاشتىن(ھەر بىر پارچە تاش ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2.5 توننا كېلىدۇ) قوپۇرۇلغان بولۇپ، تاكى بۈگۈنگە قەدەر قاھىرەگە يېقىن گىسادا قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا. (2)باغ مۇئەللەق:يېڭى بابىلون پادىشاھى نېبۇچادنېززار خانىكىگە ئاتاپ ياساتقۇزغان گۈللۈك،يەنى تۆت قەۋەت توپا سۇپابولۇپ، ئېگىزلىكى 25 مېتىر، ھەر بىر قەۋىتىگە ئايرىمئايرىم ھالدا ئاجايىپغارايىپ گۈلچىچەك ۋە ئوت چۆپلەر تېرىلغان، يىرقتىن قارىغاندا بەئەينى بوشلۇقتىكى گۈللۈككە ئوخشايدۇ(3) ئارتېمىس ئىلاھى ئىبادەتخانىسى. قەدىمكى گرىتسىيە شەھىرى ئىفېسقا جايلاشقان، ئۇزۇنلىقى 126 مېتىر، كەڭلىكى 65 مېتىر، تۆت ئەتراپىغا 127 تاش تۈۋرۈك قويۇلغان، تۈۋرۈكلەرگە ناھايىتى نەپىس قىلىپ ھەرخىل ئەپسانە ھېكايىلەر نەقىشلەنگەن.(4)زېۋىس ھەيكىلى. گرېتسىيىنىڭ جەنوبىدىكى ئولىمپىيا زېۋىس ئىلاھى ئىبادەتخانىسىدا. ئېگىزلىكى 15 مېتىر، پۈتۈن گەۋدىسى قارا ئىبنوس ياغىچىدىن ئويۇپ ياسالغان ھەمدە ئالتۇن، پىل چىشى ۋە گۆھەر ئورنىتىلغان، بۇ بۈيۈك ئىلاھنىڭ ئوڭ قولىغا غالىپ ئايال ئىلاھ ھەيكىلى تۇتقۇزۇلغان، سول قولىغا زوكون تۇتقۇزۇلغان.(5) مائۇ سۇلۇس قەبرىسى؛خالىكار نامسۇس شەھىرى(كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي جەنوبىي قىسمىدا)نىڭ پادىشاھى گارىيانىڭ قەبرىسى، ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 39 مېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 33 مېتىر، ئېگىزلىكى 50 مېتىر،سۇپائۇلى ئاق مەرمەر تاشتىن قۇپۇرۇلغان. ئۈستىدە مائۇسۇلۇس بىلەن خانىشنىڭ جەڭ ھارۋىسىدا ئولتۇرغان ھەيكىلى بار.(6) غايەت زور قۇياش ئىلاھى ھەيكىلى. ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى رودې ئارىلىدا برونزىدىن قويۇلغان، ئېگىزلىكى 34 مېتىر كېيىنچە يەر تەۋرەشتە ۋەيران بولغان.(7) فاروس ماياكى. مىسىردىكى ئالېكساندرىيىنىڭ تاشقى فاروس ئارىلىدا، مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى 122 مېتىر،شوتىسى بىلەن چوققىسىغا چىققىلى بولىدۇ. يورۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى ئورنىتىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا كېچىدە سەپەر قىلغان كېمىلەر 40 كىلومېتىر يىراقتىن چىراغ يورۇقىنى كۆرەلەيدىكەن.