Chinese→UyghurMain Dictionary
东波莫瑞战役
دۇنيا تارىخى
شەرقىي پومېرزې ئۇرۇشى
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوۋېت ئارمىيىسى پولشادىكى پومېرزېنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى رايونلاردا قىلغان ئۇرۇش. 1945 - يىلى 2 - ئايدا سوۋېت ئارمىيىسى پومېرزېدىكى مۇداپىئە ئىستىھكاملىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى بالتىق دېڭىز قىرغىقىغا ئىچكىرلەپ كىرگەن، 10 - كۈنى ئودېر دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى ئۇرۇش سېپىگە يېتىپ بېرىپ، 30 - كۈنى گدانىسكنى ئىشغال قىلغان. سوېت ئارمىيسى پومېرزې رايونىدىكى نېمىس قوشۇنىنى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن، بېرلىن ئۇرۇشىغا تەييارلىق قىلىشقا كىرىشكەنىدى.