UyghurMain Dictionary
دوملىماق
شىۋىلەر
تەڭلىمەك، بىر نەرسىنى بەرمەكچى بولۇپ تەڭلەپ، بەرمەي تارتۋالماق. مەسىلەن: قۇرۇق ئەمچەكنى دوملىغاندەك ئادەمنى گوللايدىغان نېمىكەنسەن!
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
دوم - دوم قىلماق، كۆز - كۆز قىلماق، ماختىماق.
ئۆزىنى دوملىغان بىرىنچى ئەخمەق، خوتۇنىنى دوملىغان ئىككىنچى ئەخمەق (ماقال).
ئاستا، شۇنچىكى تەگكۈزمەك.
ئاپامنىڭ ئارىلاپ كېپەكنى قورسىقىمغا دوملاپ، ئاللىنېمىلەرنىدۇر ئوقۇپ ئاشلىغانلىقىنى، ئۆزۈمنىڭمۇ تىكلىمە ئەينەك ئالدىغا كېلىپ، چىرايلىقلىقىمغا مەپتۇن بولۇپ يۈرگەنلىكىمنى ھازىرمۇ ئۇنتۇپ قالغىنىم يوق!