UyghurMain Dictionary
دومبىروۋىسكى
دۇنيا تارىخى
(1836 - 1871) پولشالىق ئىنقىلابچى. 1871-يىلىدىكى فرانسىيەپارىژ كوممۇنىستىك رەھبەرلىرىدىن بىرى، كېلىپ چىقىشى ئاقسۆڭەك، پېتربۇرگ باش شىتاب ئىنىستىتۇتىدائوقۇغان. ھەربى سەپكە قاتناشقاندىن كېيىن، پولشاخەلقىنىڭ چاروسىيىنىڭ ئىستىبداتلىق ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرىشىگە ئىشتىراك قىلىپ، كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنغان، ئېغىر ئەمگەكتە 15 يىل ئىشلىتىش ھۆكۈم قىلىنغان، كېيىن،بلانكىچىلار ۋە بىرىنچى ئىنتىرناتسىئونال ئەزالىرى بىلەن تونۇشقان، پولشا مۇھاجىرلىرى ئارىسىدىكى دېمۇكراتلارغا يېتەكچىلىك قىلغان 1870-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى ئىنقىلابدىن كېيىن، مىللىي قوغدىنش ئارمىيىسىگە قاتناشقان ھەمدە مەركىزى كومىتېت ئەزاسى بولغان. 1871-يىل 3-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى پارىژ ئىشچىلار قوزغىلىڭىدىن كېيىن، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ كوممۇنىنىڭ 11-پولكىنىڭ قوماندانى، پارىژ مۇداپىئە رايونى قوماندانى، تاشقى لىنىيە مۇداپىئەسى بىرىنچى ھەربىي رايون(غەربىي لىنيە)نىڭ قوماندانى ۋە كوممۇنا قوراللىق قىسىمنىڭ باش قوماندانى بولۇپ، ۋېرسال ئارمىيىسى بىلەن قەھرىمانلارچە قانلىق جەڭ قىلغان 5-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى كوچا ئۇرۇشىدا ئېغىر يارىلىنىپ، قۇربان بولغان.