UyghurMain Dictionary
دەزمال
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قىزدۇرۇپ كىيىم _ كېچەكلەرنىڭ قاتلاق، پۇرلاقلىرىنى تۈزەيدىغان ئەسۋاب.
تىككۈچى كەم قىلىدۇ، دەزمال تەڭ قىلىدۇ. « تۈركىي تىللار دىۋانى » بەرگەن مەلۇمات: ئۇيغۇرلار مىڭ نەچچە يۈز يىل ئىلگىرى ئۈتۈك ئىشلەتكەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئىچىگە چوغ سېلىپ ياكى توك بىلەن قىزىتىلىدىغان تۇتقۇچلۇق، كىيىم ۋە رەختلەرنىڭ پۈرلەشكەن جايلىرىنى سىلىقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ماشىنىچىلىق ئەسۋابى.
نۇرنىسا دەرھال بۇرۇلدى - دە، دەزمالنىڭ ئاستىدىن چىقىۋاتقان ئىسقا كۆزى چۈشتى.
كىيىم - كېچەك، رەختلەرگە دەزمال سېلىپ تۇز، سىلىق قىلىنغان ھالەت.
تۇرسۇننىڭ ئەتىگەن دەزماللىغان كۆڭلىكىنىڭ چۈشكە قالماي دەزمىلى كەتتى.