Chinese→UyghurMain Dictionary
德意志全国同盟
دۇنيا تارىخى
گېرمانىيە مەملىكەتلىك ئىتتىپاقى
ئاۋسترىيە بۇرژۇئا مىللەتچىلىرىنىڭ ئەكسىيەتچىل تەشكىلاتى. 1882 - يىلى <گېرمانىيە مىللىي ئىتتىپاقى>، <گېرمانىيە خەلق ئىتتىپاقى> ۋە <گېرمانىيە مەكتەپلەر ئىتتىپاقى> قاتارلىق تەشكىلاتلاردىن تەركىپ تاپقان. ئۇ گېرمان ئىمپېرىيىسى بىلەن قوشۇلۇپ، نېمىسلارنىڭ ئاۋسترىيىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتىشنى، غەيرىي نېمىسلارنى چەتكە قېقىپ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئورنىنى تۆۋەنلىتىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1882 - يىلى <لىتىز پروگراممىسى> نى ئېلان قىلىپ، دالماتسىيە، گالتسىيە، بوسنىيە ۋە گرتسگوۋېنانى ۋېنگرىيىگە قوشۇۋېتىشنى، شۇنداقلا ئاۋسترىيە چېخ ۋە مۇراۋىيىنى <بىرلىككە كەلگەن گېرمانىيە دۆلىتى> گە قوشۇۋېتىشنى ئوتتۇرغا قويغان. لېكىن گېرمانىيە بىسمارك ھۆكۈمىتى ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىتتىپاقنىڭ ئاۋسترىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ قۇشۇلۇشى توغرىسىدىكى تەشەببۇسىغا قارشى تۇرغان. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرى بۇ ئىتتىپاقنىڭ ھەرىكىتى بارا - بارا توختىتىلغان.