Chinese→UyghurMain Dictionary
德意志东部边疆协会
دۇنيا تارىخى
گېرمانىيىنىڭ شەرقىي چېگرا رايونى جەمئىيىتى
گېرمانىيە جاھانگىرلىكى مۇستەملىكە كېڭەيمىچىلىكىنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن قۇرغان تەشۋىقات تەشكىلاتى. 1894 - يىلى 11 - ئايدا قۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئەزالىرى 55 مىڭدىن ئاشقان. مەملىكەت ئىچىدە شوۋىنىزمنى ھەدەپ تەرغىپ قىلىپ، شەرقىي ياۋرۇپادىكى مىللەتلەرگە دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغان كەيپىياتنى قۇترىتىپ، ئەكسىيەتچىل <شەرققە يۈرۈش قىلىش سىياسىتى> نى يولغا قويۇپ، گېرمانىيە جاھانگىرلىكىنىڭ شەرقىي ياۋرۇپادىكى تاجاۋۇزچىلىق كېڭەيمچىلىكى ئۈچۈن جامائەت پىكرى توپلىغان. 1934 - يىلى تارقىتىۋېتىلگەن.