UyghurMain Dictionary
دەۋر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆپلۈكى: ئەدۋار. ئايلانما، دائىرە، ھالقا:
ئايلىنىش:
پەيت، مۇددەت، ۋاقىت، زامان:
ئىمارەتنى سۇ دەۋر ئېتىپ ئايلانىپ،
كېلىپ ناۋەدانغە نەچە تولغانىپ.
ئا. نىزارى.
2. يەتتە ئىقلىمىنىڭ شەھى بولغۇنچە، ئەي ساھب جەمال،
قۇللارىڭدەك ئىشىكىڭدە دەۋر سۈرسەم كاشكى.
قالەندەر.
3. ئايتتىم يىغلابان دەۋرىم جەفاسىن،
بىر ئەرنىڭ قىسسەسى، ئاخچى ۋەفاسىن.
سەيفى سەرابى.
4. ئول زۇھەلكىم تاپتى ئانىڭ دەۋرىدە ئادەم ۋۇجۇد،
چەرخى ئۆزرە قارا رەڭ ئىلە قىلۇر ئەئدانى خار.
تەجەللى.
ئەتراپى، يېنى، چۆرىسى:
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئايلانما، تۆرۈك؛ ئايلانماق، كېزىپ يۈرمەك؛ زامان، ۋاقىت؛ قەۋەت: دەۋر ئالەم - دۇنيانى ئايلىنىش، ساياھەت؛ دەۋر ئاياغى - ئىچكۈلۈك بەزمىسىدە مەي ئىچىش نۆۋىتى؛ دەۋرى مۇخالىف - تەتۈر ئايلىنىش؛ دەۋرى پەرگار - ئايلانما سىزىق؛ دەۋرى سىپېھر - كۆچمە مەنىدە تەقدىر - ئەينى: ئاسمان ئايلىنىشى(؛ دەۋر قىلماق - ئايلانماق؛ دەۋرى پەلەك - ئاسمان ئايلىنىشى؛ دەۋرى قەمەر - ئاينىڭ ئايلىنىشى، ئاي گەردىشى؛ دەۋرى مۇستەئجەل - كۆچمە مەنىدە: دۇنيا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئالاھىدە خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئۇزاقراق ۋاقىت.
زامان ساڭا باقمىسا، سەن زامانغا باق. زامان زورنىڭ، تاماشا كورنىڭ. زامان ئۆزگەرسە، ئادەممۇ ئۆزگىرەر. ياشلىق دەۋر ئېسىل تاش، بىر يوقاتساڭ مەڭگۈ تېپىلماس. ھەقىقەت دەۋرنىڭ قىزى. دەۋر بىلەن تەڭ ماڭغان مەڭگۈ قېرىماس. دۇنيانىڭ سىرىنى بىلمەي دېسەڭ، ئۇزاق مەزگىل شاگىرىت بول.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
تارىختىكى ئىقتىسادىي سىياسىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئەھۋاللار ئاساس قىلىنىپ بۆلۈنگەن مۇئەييەن مەزگىل. مەسىلەن، تاش قورال دەۋرى، فېئودال دەۋر.
كىشى ئۆمرىنىڭ مۇئەييەن مەزگىلى.
ياشلىق دەۋر. بالىلىق دەۋر.
<گېئول> ئېرادىن كىچىك بولغان گېئولوگىيىلىك يىل بىرلىكى. بىر ئېرا بىر نەچچە دەۋرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دەۋر ئىچىدە شەكىللەنگەن يەر قاتلاملىرى بىر سىستېما دېيىلىدۇ.
<س ئىق> شەيئىلەرنىڭ ھەرىكەتلىنىشى ۋە ئۆزگىرىشى جەريانىدا ئۇنىڭ مەلۇم بەلگىلىرى كۆپ قېتىم قايتا - قايتا كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل بەلگىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىككى قېتىم كۆرۈلۈشىگە كەتكەن ۋاقىت.
<فىز> جىسىملار تەكرار ھەرىكەت قىلغاندا ياكى فىزىكىلىق مىقدارلار دەۋرىي ھالدا ئۆزگىرىپ تۇرغاندا ئۇنىڭ بىر قېتىم تەكرارلىنىشى ئۈچۈ كەتكەن ۋاقىت بىر دەۋر ھېسابلىنىدۇ.
بىرەر ئىش - ھەرىكەت، ۋەقە - ھادىسە بولۇپ ئۆتكەن، بېجىرىلىدىغان بەلگىلىك ۋاقىت؛ زامان.
ئوينايدىغان دەۋر يېتىپ كەلدى، ياشلىقىمىزنى خارلىمايلى. ئاھ....شەھەردىكى دوستلىرىم.
كىشىنىڭ ئامىتى كەلگەن چاغ، پەيت، زامان.
بىز كەمبەغەللەرنىڭ دەۋرى كەلدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئاتنىڭ ئۈستىگە يېپىلىدىغان بېزەكلىك يىپەك ياكى يۇڭ يوپۇق.
قارا ئۆيدىكى تەرمە بېشىدىن تۈڭلۈككە تۇتاشتۇرۇلغان ئۇزۇن ئوق ياغاچقا يېپىلىدىغان كىگىز.