UyghurMain Dictionary
دەۋاگەر
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
جاۋابكارنىڭ قارشى تەرىپىدىن ئادەم بولۇپ، ئاۋۋال ئەرز قىلىپ، سوتتىن يەنە بىر تەرەپتىن سوراق قىلىشنى تەلەپ قىلغان دەۋالاشقۇچى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىسلام شەرىئىتىدىكى ئادەت بويىچە، شەرىئەت دەسلەپ ھۆكۈم قىلغان (جىنايى ئىشلار سورىقىدىكى گۇناھسىزلىق ھۆكۈمى ۋە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن چىقىرىلغان ھۆكۈم) بىلەن ئەكسىچە بولغان دەۋالاشقۇچى <دەۋاگەر> دەپ بېكىتىلىدۇ. ئۇنىڭ شىكايەت جەريانىدا جاۋابكارنىڭ جىنايەت پاكىتلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. ئەكسىچە، جىنايەت پاكىتلىرىنى كۆرسىتىپ بېرەلمىسە، تۆھمەتخور دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ. جاۋابكارلىقى سۈرۈلگەن يەنە بىر تەرەپ دەۋالاشقۇچى <جاۋابكار> بولۇپ، ئۇنىڭ شىكايەتنى ئىنكار قىلىپ قەسەم ئىچىش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. ئۇنداق قىلمىسا، دەۋادا يېڭىلگەن بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قانۇنچىلىق
سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغان كىشى، ئورگان ياكى كوللېكتىپ، يەنى <جاۋابكار> نىڭ قارشىسىدىكى كىشى ياكى ئورۇن.
دەۋاگەر دەۋا قىلماقس، دەۋا قىلسا قۇرۇق قالماس (ماقال).
كۆچمە. بىرەر نەرسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش ئۈچۈن ئۇرۇنغۇچى كىشى.
مەنسەپ دەۋەگەرلىرى بىر - بىرىنىڭ قورسىقىنى يېرىۋەتكۈدەك بولۇشۇپتۇ.