UyghurMain Dictionary
دەسۇقى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىدىكى تەسەۋۋۇپچى دەسۇقىيە (بىھانىيە ياكى بىھامىيە دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نى قۇرغان ئادەم. مىسىرلىق. ئۇ قۇرغان پىرقە بەدەۋىيەنىڭ تارمىقى بولۇپ، شافىئىييەگە ئەمەل قىلىدۇ. دىلنىڭ پاك، سۆز بىلەن ھەرىكەتنىڭ ئوخشاش بولۇشىنى تەشەببۇس قىلدى، رىيازەت چېكىشنى، كۆيۈنۈشنى، ۋەلىغا مۇتلەق ئىشىنشنى تەلەپ قىلدى. رىۋايەت قىلىنىشىچە دەسۇقى <مۆجىزە> يارىتالايدىكەن. مۇرىدلارغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان <جاۋاھىر> يازغان. ئۇ رەتلىگەن سۈرىلەرنى 18 - ئەسىردە مىسىرلىقلار يادلىۋالغان. دەسۇقى مىسىردىكى دەسۇق مەھەللىسىدە ئالەمدىن ئۆتكەن. بۇ يەردە ئۇنىڭغا ئاتاپ قەبرىگاھ، گۈمبەز ۋە مەسچىت سېلىنغان. مىسىردىكى كۇفتالار دەسۇقى شەرىپىگە ھەر يىلى ئۈچ قېتىم خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ