UyghurMain Dictionary
دەشت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
چۆل، سەھرا، باياۋان:
جاي نامى:
1. كېزىپ دەشتلەرنى شىكار ئەيلەدى.
شىكارىكى ئانداغ شىئار ئەيلەدى.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
2. بىرپەنجشەنبە كۈنى ئول ھەزرەت خىزمەتلەرىدە گازۇرگاھدىن
دەشت يۈزى بىلە خىيابان سارى بارىلەدۇر ئېردى.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
تۈزلەڭلىك، چۆل، ئوتلاق، باياۋان، قۇملۇق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۇ يوق، ئىقلىم قۇرۇق، ئۆسۈملۈك ئاز، قۇم ۋە ياكى شېغىل بىلەن تولغان يەر.
بىرى چۆل، بىرى گۈل. چۆلگە يامغۇر ياخشى، يومدانغا چامغۇر. دەشت _ باياۋاندا ئۇسسۇز قالمىغان سۇنىڭ قەدىرىنى بىلمەس. جەزىرىدە جەرەن تۇت. گوبىدا گىياھ يوق. پايدىسى يوق بايدىن سۈيى يوق ساي ياخشى. دالىدا ئۆسكەن مەھەللىگە كۆنمەس. سەھرانىڭ بېگى بولغۇچە، شەھەرنىڭ ئىتى بول. قۇملۇقتىن ئۆتەلىگەن قۇمدىن قورقمايدۇ. تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن تاشيول ياسالدى. يازىدا بۆرە ئۆلسە، ئەۋدە ئىت باغرى تارتىشتۇر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئۆسۈملۈك ئۈنمىگەن، سۇسىز، قاقاس يەر؛ چۆل.
مەختۇمسۇلا شۇ يۈرگىنىچە دەشتلەرنى كېزىپ، تاغلاردىن ئېشىپ، بىر گۈزەل يايلاققا يېتىپ كەپتۇ.