UyghurMain Dictionary
دەرقەۋىيە پىرقىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
تەسەۋۋۇپچى قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىلى بولۇپ، شازىلىيە پىرقىسىنىڭ تارمىقى ھېسابلىنىدۇ. بۇ پىرقىنى 18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ئەبۇ ھامىد ئەھمەد ئەرەبى دەرقەۋى (1760 - 1823) قۇرغان. دەرقەۋىيە ھەرىكىتى بىلەن تىجانىيە ھەرىكىتى داۋاملاشقان. لېكىن، دەرقەۋىيەنىڭ دائىرىسى تىجانىيەنىڭكىدىن كەڭ بولغان. دەرقەۋى ھايات ۋاقتىدا مۇستەقىل پىرقە قۇرمىغان. ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۆزىگە خاس زىكر شەكلىگە ئىگە يېڭى پىرقە بولۇپ تەرەققىي قىلدى. ماراكەشتىكى فىسنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بۇ - يېرىھدا زاۋىيە سالدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئەزا قوبۇل قىلىپ، ماراكەشتە ئادىمى كۆپ، تەسىرى چوڭ مۇھىم پىرقە بولۇپ مەغرىبنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا، مىسىر ۋە ھىجازلارغا تارقالدى. جايلاردىكى تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ بۇرۇنقى كىچىك تەشكىللىرىمۇ شۇ پىرقىغە قارايدىغان بولدى. دەرقەۋى دىندىن خالىي ئىشلارغا ئارىلاشماسلىقنى تەكىتلىسىمۇ، لېكىن، ئۆزى سىياسىي ۋە دىنىي ھەرىكەتنىڭ رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى. سۇلتان مۇلەي سۇلەيمان (1793 - 1822) بۇ ھەرىكەتتىن پايدىلىنىپ تۈركلەرگە قارشى ئورنىنى كۈچەيتمەكچى بولدى. دەرقەۋى كېيىن سۇلتانغا قارشى قوزغىلاڭنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن نەزەربەند قىلىندى. ئابدۇرەھمان (1822 - 2918) سۇلتان بولغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلدى. لېكىن، پىرقە كۈنسايىن ئاجىزلاپ كەتتى، ⅨⅩ ئەسىردىن ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە دەرقەۋىيە پىرقىسى ئالجىرىيە خەلقىنىڭ فرانسىيە مۇستەملىكچىلىرىگە قارشى تۇرۇش يولىدىكى كۈرىشىگە قاتنىشىپ تەسىرىنى كېڭەيتتى. بۇ دىنىي پىرقە مۇرىدلىرىدىن رىيازەت چكىشنى، دىندىن خالىي ھوقۇققا ۋە بايلىققا پەرۋا قىلماسلىقنى، <ساپ سوپىزم> غا قايتىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى. دەرقەۋى زاھىدلىق تۇرمۇش كەچۈرگەندى. شاگىرتلىرىمۇ ئۇنى دوراپ، بەزىلەر ھاسسا تۇتۇپ، جۇل - جۇل تونلارنى كىيىپ، بوينىغا تەسۋى ئېسىپ قۇرئان قىرائەت قىلىپ، قەسىدە ئوقۇپ، جايلاردا ۋائىزلىق قىلىپ، سوپىلارنىڭ زاھىدلىق ھاياتىنى كەچۈردى. ئۇلارنىڭ دىنىي مۇراسىم ئالاھىدىلىكى شۇكى، زىكر سالغاندا ساز چېلىپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ. يۇقىرى ئاۋازدا تەسبىھ ئېيتىدۇ. ئامافىمىت پىرقىنىڭ مۇقەددەس جايى ھېسابلىنىپ، ھەر يىلى 9 - ئايدا ئۇ يەردە ھېيت قىلىنىپ دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدۇ.