UyghurMain Dictionary
دەرگاھ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئىشىك، بوسۇغا؛ ئاستانە:
ئوردا، پادىشاھ قەسىرى، ساراي.
ئۆي؛ مەرتىۋىلىك كىشىلەر تۇرىدىغان جاي.
ئۆلەرمەن دەرگاھىڭدىن كەتمەيگەيمەن،
بەغايەت شەرھى ھالىڭنى ئىشتتىم.
خىرقەتى.
تەڭرى ھۇزۇرى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئىشىك، ئىشىك ئالدى؛ ھوزۇرى، ئالدى، كۆز ئالدى؛ تۇرىدىغان جاي، ئوردا، ساراي: ئالىي دەرگاھ - يۇقىرى دەرىجىلىك؛ پادىشاھ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
تۇرار جاي.
غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ كەتكەن ئارقار يولۋاسنىڭ دەرگاھىدىن چىقىپ كەتتى.
ئىشىك ئالدى؛ ھوزۇر.
- مەن يولۋاس، تېخىچە ھاياتمەن، مېنى سىزنىڭ ئىشقىڭىز شامىلى يەنە دەرگاھىڭىزغا ئۇچۇرۇپ كەلدى.