UyghurMain Dictionary
دەپ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<دېمەك> پېئىلىنىڭ رەۋىشداش شەكلى بولۇپ جۈملىدە كۆچۈرمە تەركىب بىلەن بىرىكىپ: كۆچۈرمىدىكى مەنىنى ئىزھار قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇنداق دېسەم، قولىدىكى ئىش كەلمەيدىغان نېمىكەن دەپ قالماڭ.
شەيئىنى شۇ كۆچۈرمىدىكى نام بىلەن ئاتاشنى بىلدۈرىدۇ.
ئوغلۇمغا <تەمكىن> دەپ ئات قويدۇم.
كۆچۈرمىدىكى پىكىرنى باھانە قىلىشنى بىلدۈرىدۇ.
يەرلەرنى زەي بېسىپ كەتتى دەپ مەھەللىدىن كۆچۈپ كەتسەم بىزدەك پارتىيە ئەزالىرى نېمىگە كېرەك؟
كۆچۈرمىدىكى پىكىرنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇ مەلەڭدىن بۇ مەلەڭگە كۆرەي دەپ كەلدىم، مەيلىڭ بارمۇ، مەيلىڭ يوقمۇ، سىناي دەپ كەلدىم.
كۆچۈرمىدىكى ئىش - ھەرىكەتنى ئىشقا ئاشۇرماقچى ئىكەنلىك مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.
شەھەر ئالىمەن دەپ شەرمەندە بوپتۇ (ماقال).
ئۇستىلىق قىلىمەن دەپ چاندۇرۇپ قويدى.
كۆچۈرمىدىكى گەپ بىلەن ئەيىبلەش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.
كۈلدى دەپمۇ ئۇرساڭ، يىغلىدى دەپمۇ ئۇرساڭ، زادى قانداق قىلسا بولىدۇ.
كۆچۈرمىدە ئىپادىلەنگەن نەرسىنى تەلەپ قىلىش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.
قانچە بۇلبۇللار مازاردا <سۆيگۈنۈم> دەپ سايرىغان.