UyghurMain Dictionary
دەبدەبە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تەنتەنە؛ سۆلەت، ھەيۋەت:
يۇقىرى ئاۋاز، شاۋقۇن - سۈرەن:
1. شەھى كامرانلار كەبى دەبدەبە -
تۈزۈپدۇر، دېدىكىم قىلاي تەجرىبە.
ئا. نىزارى.
2. مېنىپ رەخش ئۆزرە قىلىپ يولنى تەي،
تۈزۈپ دەبدەبە مىسلى كاۋۇس كەي.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
زىيادە شاد - خۇراملىق بىلەن قىلىنىدىغان پائالىيەت، كۆپىنچە مەرىكە - مۇراسىملارنى تەسۋىر لەپ ئېيتىلىدۇ.
ناداندىن زارلايدۇ ھەتتا تاغۇتاش، نادانغا تەنتەنە بولمايدۇ يولداش. قۇرۇق داغدۇغا قۇرۇپ قالغان ياغاچ دەبدەبە كىچىك ئىشقا ياراشمايدۇ. دوستلار ئارا ھەشىمەتنىڭ لازىمى يوق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ھاياجاننى ئۇرغۇتىدىغان، لەرزىگە كەلتۈرىدىغان كەيپىيات، قىياپەت، مەنزىرە، ھەرىكەت.
كەينىدە لەشكىرى - ئالدىدا ئەلەم، قايتىپتۇ شان - شەرەپ دەبدەبە بىلەن.
ھەددىن زىيادە سۆلەتۋازلىق، ھەشەمەت، تەنتەنە، داغدۇغا.
ئۇ قازىنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە، شەھەرگە دەبدەبە بىلەن كىرىپ كەپتۇ.