Chinese→UyghurMain Dictionary
德法年鉴
دۇنيا تارىخى
گېرمانىيە - فرانسىيە يىللىق مەجمۇئەسى
1844 - يىلى 2 - ئايدا پارىژدا نەشىر قىلىنغان نېمىسچە ژورنال. ماركس بىلەن رۇگې مۇھەررىر بولغان. 1 - ۋە 2 - سانلىرىنىڭ قوشما سانىلا چىقىرىلغان. ئۇنىڭغا ماركسنىڭ <>گېگېلنىڭ قانۇن پەلسەپىسىگە تەنقىد< گە مۇقەددىمە>، <يەھۇدىيلار مەسىلىسى ھەققىدە> دېگەن ئەسەرلىرى ۋە ئېنگېلسنىڭ <سىياسىي ئىقتىسادقا تەنقىد پروگراممىسى>، <ئەنگلىيەنىڭ ئەھۋالى. توماس كالېلنىڭ >ئۆتمۈشى ۋە ھازىرى< غا باھا> قاتارلىق مۇھىم ماقالىلىرى بېسىلغان. بۇ ئەسەرلەر ماركس بىلەن ئېنگېلسنىڭ ئىدېئالىزم ۋە ئىنقىلابىي دېموكراتىزمدىن ماتېرىيالىزم ۋە كوممۇنىزمغا ئۆتكەنلىكىنىڭ بەلگىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كېيىن ماركىس بىلەن رۇگې ئوتتۇرىسىدا پرىنسىپال ئىختىلاپ ساقلانغانلىقى ئۈچۈن بۇ ژورنال نەشىردىن توختىتىلغان.