Chinese→UyghurMain Dictionary
德波战争
دۇنيا تارىخى
گېرمانىيە - پولشا ئۇرۇشى
فاشست گېرمانىيەنىڭ پولشاغا تاجاۋۇز قىلغان ئۇرۇشى. 1939 - يىل 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى سائەت بىردىن 45 مىنوت ئۆتكەندە گېرمانىيە ئۇرۇش ئېلان قىلماي تۇرۇپلا پولشاغا ھەربىي ھۇجۇم قوزغىغان. شۇ ئاينىڭ 3 - كۈنى ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئومۇميۈزلۈك پارتلىغان. 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى گېرمانىيە قوشۇنى زور چىقىم بەدىلىگە ۋارشاۋا شەھىرىنى ئىشغال قىلغان. پولشا قوشۇنىدىن 120 مىڭ كىشى تەسلىم بولغان. پولشانىڭ باشقا جايلىرىدىكى قوشۇنلىرىمۇ 10 - ئاينىڭ باشلىرىغىچە تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇرۇش بىر ئاي داۋام قىلمايلا، پولشا مۇنقەرز بولغان. بۇ گېرمانىيىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى داۋامىدا ھاۋا ئارمىيىسى بىلەن برونۋىك قىسىملىرى بىرلىشىپ ئېلىپ بارغان <چاقماق تېزلىكىدىكى جەڭ> دە تۇنجى قېتىم قازانغا مۇۋەپپىقىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.