UyghurMain Dictionary
داموكلېس
دۇنيا تارىخى
(مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅳ ئەسىر) سىراكۇس (سىتسىلىيە ئارىلى) تىرانىنىڭ ئوردا ۋەزىرى. ئادەتتە، تىران دىئونىسىئۇس Ⅰ گە خۇشامەتچىلىك قىلىپ، تىراننىڭ ھوقۇق كۈچى ۋە مال - مۈلكى يېتەرلىك، تازا بەخت - تەلەيلىك دەپ ماختىغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، تران داموكلېسقا <پادىشاھنىڭ بەخت تەلىيى> نى بىلدۈرۈش ئۈچۈن زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇنى تەختتە ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپتۇ - دە، ئۇنىڭ بېشىغا بىر تال ئىنچىكە ئات بايلىغا باغلانغان بىر ئۆتكۈر قىلىچنى ئېسىپ قويۇپتۇ. دىئونىسىئۇس ئۇنىڭغا ھۆكۈمراننىڭ بەخت - تەلىيى بىلەن دائىم ئۆلۈم ئاپىتى بىللە بولىدۇ. دېگەننى بىلدۈرۈپتۇ. كېيىنكىلەر <داموكلېس قىلىچى> دېگەننى بىلدۈرۈپتۇ. كېيىنكىلەر <داموكلېس قىلىچى> دېگەننى <خەۋپلىك بەخت> كە ئوخشىتىدىكەن ياكى ئۇ ئارقىلىق <بەخت ئىچىگە ئاپەتنىڭ يوشۇرۇنغانلىقى> دىن ۋە ياكى قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدا تۇرغان خەۋپتىن بېشارەت بېرىدىكەن.