UyghurMain Dictionary
دامەن
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئېتەك:
ئۆڭكۈر، چوڭقۇرلۇق، ئويۇلغان، چوڭقۇر جاي.
ھەر نەرسىنىڭ ئاخىرى، چەت، ياقا:
1. ئايا پادىشاھا فەقىرلەرغە باق،
سەخا دامەنىنى غەرىبلەرغە قاق.
ئا. نىزارى.
3. دامەنى سەھرا دېمەسلەر لالەزارى بولماسا،
زىينەتى گۈلشەن بېرۇرمۇ سەبزەزارى بولماسا.
زەلىلى.
4. كىم يەتى چۇ ئول دامەنغە مەجنۇن،
كىم سەير ئېتىپ مېھرى گەردۇن.
نەۋايى.
سەھرا، باياۋان:
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
<دامان>غا ئوخشاش: ئالۇدە دامەن - ئىپلاس، يارىماس، نومۇسسىز (ئەينى: ئېتىكى بۇلغانغان)؛ پاك دامەن - نومۇسلۇق، پاكىز.