UyghurMain Dictionary
چۇئان پارتىيىسى
دۇنيا تارىخى
فرانسىيەنىڭ بۈيۈك ئىنقىلاب دەۋرىدە، ۋېندى، برېتاگنې، نورماند، مائىن قاتارلىق ۋىلايەتلەردىكى خانپەرەسلەر پارتىيسى توپىلاڭچىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بوربون سۇلالىسى تىرىلگەن مەزگىلدە، لىبېرال يازغۇچىلارمۇ خانپەرەسلەر پارتىيىسىنى چۇئان پارتيىسى دەپ ئاتىغان. بۇ نامنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدە ئىككى خىل كۆز قاراش بار: ئۇنىڭ بىرى، بىرخىل ئورمان قۇشى بولۇپ، چۇئان پارتىيىسىدىكىلەر كېچىسى ھەرىكەت قىلغاندا شۇ قۇشنىڭ سايرىشىنى دوراپ، ئۇنى يىغىلىش سىگنالى قىلغان، دەپ قاراش. دەسلەپ 1792 - يىلى يازدا شەكىللەنگەن. 1793 - يىلى 6 - ئايدا كونتېرېئاۇ بىر تۈركۈم ئەتكەسچى سودىگەرلەر، ھەربىي خىزمەت ئۆتەشتىن قاچقانلار ۋە خانپەرەسلىك خاھىشى بولغان قالاق دېھقانلارنى يىغىپ، ئاشكارا توپىلاڭ كۆتۈرگەن، كېيىن يەنە ۋېندې توپىلاڭچىلار قوشۇنىغا قوشۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن چۇئان پارتىيىسىىنىڭ پاراكەندىچىلىكى برېتاگنې، مائىن،نورماند، دۇلەن قاتارلىق بىرقىسىم جايلارغا يامراپ، تاكى كونسۇل ھۆكۈمىتى دەۋرىگىچە سوزۇلغان. 1803 - يىلى تىنچىتىلغان. چۇئان پارتىيىسى دېگەن سۆز خانپەرەسلەر توپىلىڭىنىڭ شەرتلىك نامىغا ئايلىنىپ قالغان.