UyghurMain Dictionary
چۇ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
چۇن نىڭ قىسقارغان شەكلى بولۇپ تۆۋەندىكى مەنىلەردە كېلىدۇ: 1. جۈملە بېشىدا چۇنكى، شۇڭا دېگەن مەنىدە كېلىدۇ:
جۈملە بېشىدا: شۇئان، شۇ چاغ دېگەن مەنىدە كېلىدۇ:
ئىككى جۈملە ياكى جۈملەر بۆلەكلىرى ئارىسىدا كى باغلىغۇچىسى رولىدا كېلىدۇ:
1. چۇ ئىشىق ئوتىدىن گۇلغە بەردى نەمۇد،
ئانىڭ تابىدىن بۇلبۇل ئۆرتەپ ۋۇجۇد.
ئا. نىزارى.
2. چۇ دەريا رەۋشەن ئولدى خاتىرىم سەيرى جەھان ئەتكەچ،
مەياتى خىزىر تاپتىم قەئت مەنزىل تەرك جەھان ئەتكەچ.
زەلىلى.
3. بۇ مۇنچە توق بولغاننى چو قىلدى سۇنئى بارى بار،
بۇ قۇدرەتنى كۆرۈپ ھەق ھەزرەتىندىن كارۇبار ئىزدە.
ھافىز خارەزمى.
4. ھەقايىق پەناھ نەچچە قۇتبى ۋەلى،
چۇ كاشغەر نەۋاھىن قىلىپ مەنزىلى.
ئا. نىزارى.
5. ئالىپ كىردى قەسرى ئارا ئىچكەرى،
تۇرۇپ نەچچە خادىم چۇ كۆك ئەختەرى.
ئا. نىزارى.
كېيىنكى جۈملىنى ئالدىنقى جۈملىنىڭ بېقىندى جۈملىسىگە ئايلاندۇرىدۇ:
بەزى سۆزلەرنىڭ ئالدىدا كېلىپ ... تەڭ، دەك قوشۇمچىسى ۋە كەبى، ئوخاش تىركەلمىلىرى رولىدا كېلىدۇ:
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كەبى، ئوخشاش، چۈنكى، قاچانكى. شېئىردا مۇنداق كەلگەن: چۇ دەريا رەۋشەن ئولدى خاتىرىم سەير جەھان ئەتكەچ، ھەياتى خىزر تاپتىم قەتئ مەنزىل تەرك جان ئەتكەچ. (زەلىلى)
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
چۇ.
بۇيرۇق پېئىللىرىدىكى بولۇشلۇق شەكىللەرنىڭ ئاخىرىغا ئۇلىنىپ، تەكىتلەشنى بىلدۈرىدىغان ياردەمچى سۆز. مەسىلەن: كەل چۇ _ كەلچۇ (چوقۇم كەل). بارما چۇ _ بارمىچۇ (زادى بارما). بۇ سۆز ئىككىنچى شەخستىلا ئېيتىلىدۇ.
3 - 288
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
چىقارماق، بىر تەرەپ قىلماق.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
يەر، تېرىلغۇ يەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قىمار ئوينىغاندا، ئوشۇقنىڭيۈزى (ئوڭ تەرىپى) يەرگە تېگىپ، تاپان تەرىپى ئۈستىگە چىققان ھالىتى. بۇ ھالەت قىمار ئويۇنىدا ئوتتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.
چۇ چۈشمەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
يۈكلەنمە
تىلشۇناسلىق
سوئال يۈكلىمىسى بولۇپ: 1( جۈملىنىڭ خەۋەردىن باشقا نۇقتىلىق بۆلىكىگە قوشۇلۇپ، شۇ جۈملىنىڭ سوئاللىق خەۋرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
- تۇرسۇن كەلدى، - قادىرچۇ؟ - مەن بۇقېتىم بارمايمەن - كېيىنچۇ؟
2) پەرەز بېقىندى جۈملىگە قوشۇلۇپ، سوئاللىق باش جۈملىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
- چۈشتىن كېيىن كەلسىڭىز، شۇ ۋاقىتتا سۆزلەشسەك، - چۈشتىن كېيىن كېلەلمىشەمچۇ؟
3( پېئىلنىڭ بەزى بولۇشسىز رەۋىشداش شەكلىگە قوشۇلۇپ، شۇ رەۋىشداش ئىپادىلىگەن ھەرىكەتنىڭ بولماسلىقىغا ېمە ئاساس بار دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
- سىزمۇ كۆرەمسىز؟ - كۆرمەيچۇ!
ئاڭلىغۇچىغا بىر ئىشنى چۈشەتدۈرۈشتە، جۈملىنىڭ نۇقتا قىلىنغان بۆلىكىگە قوشۇلۇپ كېلىدۇ.
مەنچۇ، ئەتە ئۇ يەرگە بارالمايمەن.
سۈپەتنىڭ <- لىق، - لىك، - لۇق، - لۈك> قوشۇمچىسى ئارقىلىق ياسالغان ئىسىم شەكلىگە ۋە پېئىلىنىڭ ھاللىق ئىسىمداش شەكىللىرىگە قوشۇلۇپ، بىر خىل ئۈستلىمە ئۈندەش جۈملە ھاسىل بولىدۇ.
ئۇ ناھايىتى ياخشى بالا، ئۆتكۈرلۈكىچۇ تېخى.
پېئىلىنىڭ بۇيرۇق - تەلەپ مەيلىدىكى خەۋەر شەكلىگە قوشۇلۇپ: 1) مەسلىھەت، يېقىنلىق، ئامراقلىق تەرزلىرىنى بىلدۈرىدۇ؛ بىرىنچى شەخسنىڭ بىرلىكىدە شۇ ئىشنىڭ يېڭى ئەسكە ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈشىمۇ مۇمكىن.
بىكار تۇرغۇچە كىتاب كۆرەيچۇ.
2( شۇ ھەرىكەتنىڭ بۇلۇشىنى كۈتۈش مەنىسىنى كۈچەيتىدۇ.
قېنى، سۆزلەپ باقسۇنچۇ، ئاندىن كۆرىمىز.
3) سىناق تۈس شەكلىدىكى پېئىللارنىڭ بۇيرۇق - تەلەپ مەيلىدىكى خەۋەر شەكلىگە قوشۇلغاندا، بۇ ھەرىكەتتىن كۈتكەن نەتىجىگە ئېرىشەلمەسلىك، يامان ئاقىۋەتكە قېلىش تەرزلىرىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن.
يامان بولساڭ، بىزنى بۇ يولدىن قايتۇرۇپ باقچۇ.
پېئىلىنىڭ پەرەز - قارشىلىق مەيلىدىكى خەۋەر شەكىللىرىگە قوشۇلۇپ، پېئىلنىڭ يالۋۇرۇش رايى، ئەپسۇس رايى شەكىللىرىنى ھاسىل قىلىدۇ.
يولداشلار، بىردەم جىم تۇرساڭلارچۇ.