UyghurMain Dictionary
چۈلۈكتى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
چاتاقلاشتى، پەرىشان بولدى، خاراب بولدى.
ئەر ئىشى چۈلۈكتى _ ئادەمنىڭ ئىشى چاتاقلاشتى ( چۈلۈكەر _ چۈلۈكمەك). شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
تىنى يەمە ئۆچۈكتى
ئەرى ئاتى ئىچىكتى
ئىشى تاقى چۈلۈكتى
سۆزىن ئانىڭ كىم تۇتار
«تىنىغىمۇ ئۆچۈپ كەتتى،
ئادەم - ئاتلىرى قولغا چۈشتى،
ئىشىمۇ چاتاق بولدى،
ئۇنىڭ سۆزىنى كىم ئاڭلار.»
بىر تۇتقۇن توغرىسىدا شۇنداق دېيىلگەن: ئۇ قولغا چۈشكەچ، دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى؛ ئات ۋە ئادەملىرىنى تاپشۇرۇپ بەردى، ئۆزىنىڭ ھالى خاراب بولدى، ئەمدى ئۇنىڭ سۆزىگە كىم قۇلاق سالىدۇ؟
2 - 163