UyghurMain Dictionary
چۈلۈكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تۆگە ياكى كالىلارنىڭ بۇرنىدىن ئۆتكۈزۈپ، چۇلۋۇر باغلاش ئۈچۈن ياسالغان نۆكچە ياغاچ:[مىسال:] چۈلۈكتىن بۇرۇنلىرى كېرىلىپ كەتكەن قوتازلارنىڭ ئارقانلىرىنى چاتقاللارغا باغلاپ قويدۇق.[يەشمىسى:] ② چاق ياكى غالتەك تۆشۈكىگە ئورنىتىلىدىغان ئوق ياغاچ:[مىسال:] ئۇ ئوڭ قولتۇقىغا چۈلۈك بىلەن مومىنى چىڭ قىسىپ تۇرۇپ، چۈلۈكنىڭ ئىككىنچى ئۇچىنى چىڭ تۇتتى.