UyghurMain Dictionary
چىق
ئاھاڭداش سۆزلەر
چىقماق، چىقىش. 1. تۆۋەندىن يۇقىرىغا، پەستىن ئېگىزگە، بىر نەرسىگە يۆنەلمەك، يۆنەلگەنگە يەتمەك. ئانتونىمى: چۈشمەك، چۈشۈش.
تاغقا چىقماق.* دەرەخكە چىقماق.* ماشىنىغا چىقماق.* ھارۋىغا چىقماق.* سەھنىگە چىقماق.* ئالماقنىڭ بەرمىكى بار، چىقماقنىڭ چۈشمىكى ( ماقال ).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ياردەمچى پېئىل
1. سۈپەت، سۈپەتداشلارغا قوشۇلۇپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ كۈتكىنىدەك ياكى كۈتمىگىنىدەك بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇنىڭ گېپى يالغان چىقتى.* تاۋۇز تاقلىق چىقتى.
2. « پ » لىك رەۋىشداشلار بىلەن قوشۇلۇپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈزۈلمەي داۋام قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ بالىسى كېچىچە يىغلاپ چىقتى.
3. ھەرىكەتنىڭ پۈتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ رومان يېزىپ چىقتى.* بۈگۈنكى گېزىتنى ئوقۇپ چىقتىم.
4. ھەرىكەتنىڭ گەۋدىلىك بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بىزدە شاھماتچىلار يېتىشىپ چىقىۋاتىدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
غىڭ.
چىق ئەت كۆرەيىن _ غىڭ قىلىپ باقە، نوچىلىقىڭنى كۆرەي. بۇ سۆز رەنجىتكۈچىگە تاقابىل تۇرالمايدىغان كىشىگە قارىتىپ ئېيتىلىدۇ.
3 - 179