UyghurMain Dictionary
چىغىلۋار
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
چىغىلۋار ئوقى _ كىچىك قىسقا ئوق. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئۇترۇ تۇرتۇپ ياغدى ئاڭار كىش ئوقى چىغىلۋار
ئايدىم ئاسىغ قىلغۇ ئەمەس سەن تاقى يالۋار
«ئوتتۇرا تۇرۇپ ئۇنىڭغا ساداقتىن قىسقا ئوقلارنى ياغدۇردۇم،
سەن ئەمدى يالۋۇرساڭمۇ پايدىسى يوق، دېدىم.»
دۈشمەن توغرىسىدا شۇنداق دېيىلىدۇ: ماڭا يۈزلەنگەندە ساداقتىن قىسقا ئوقلارنى يامغۇردەك ياغدۇردۇم، ئەمدى سېنىڭ يېلىنىپ - يالۋۇرۇشۇڭمۇ پايدىسىز دېدىم.
1 - 642