UyghurMain Dictionary
چىن شۇدۇ
دۇنيا تارىخى
(؟ - 1264) ۋيېتنامنىڭ لى سۇلالىسىىڭ ئاخىرى ۋە چېن سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدىكى زالىم ۋەزىرى. ئەسلى لى سۇلالىسىنىڭ ئالدىنقى ئوردا قوماندانى بولۇپ، ئوردىدا چوڭ ھوقۇقنى ئىگىلەپ تۇرغان. 1225-يىلى ئۆزىنىڭ سەككىز ياشلىق جىيەن ئوغلى چېن جيۇڭ بىلەن لى سۇلالىسىنىڭ سەككىز ياشلىق ئايال پادىشاھى لى جاۋنىڭ تويىنى قىلغان. ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنە پادىشاھ لى جاۋنى تەختنى چېن جيۇڭغا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇرلاپ، چېن سۇلالىسىنى لى سۇلالىسىنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەن. چېن شودۇغا تەخت ھامىيلىقى ئاتا قىلىنغان. ئۇ لى سۇلالىسىنىڭ سابىق پادىشاھى خۇيزۇڭ (لىش شەن) ۋە ئۇنىڭ جەمەتلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، توپىلاڭنى تىنچىتقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەدبىر قوللىنىپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ۋە راۋاجلاندۇرغان، ھەر خىل تۈزۈملەرنى تەرتىپكە سېلىپ، چېن سۇلالىسىنىڭ ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىگەن.