UyghurMain Dictionary
چىن جىكو
دۇنيا تارىخى
(؟ - 1414)ۋېيتنامنىڭ كېيىنكى چىن سۇلالىسى (1407 - 1413) نىڭ پادىشاھى. چىن يىزۇڭنىڭ نەۋرىسى، چىن چيەندىڭنىڭ جىيەنى. 1409 - يىلى پادىشاھلىققا كۆتۈرۈلگەن، يىلنامىنى چوڭگۇاڭغا ئۆزگەرتىپ،ئۆزىنى چوڭگۇاڭ خان دەپ ئاتاپ، مىڭ سۇلالىسىگە داۋاملىق قارشى تۇرغان. 1413 - يىلى تايانچ بازىسى خۇاجۇ قولدىن كەتكەندىن كېيىن لائۇسقا بارغان، ئاخىرى مىڭ سۇلالىسىنىڭ سەركەردىسى جاڭ فۇنىڭ قولىغا چۈشكەن. يەنجىڭ (بېيجىڭ) غا يالاپ ئېلىپ ماڭغاندا ئۆزىنى سۇغا تاشلاپ ئۆلۈۋالغان.