UyghurMain Dictionary
چىنار دەرىخى
بىئولوگىيە
چىنار ئائىلىسىگە كىرىدۇ، ئۇ بىر خىل يوپۇرماق تاشلايدىغان چوڭ دەرەخ. بىخىنى يوپۇرماق سېپىنىڭ تۈۋى ئوراپ تۇرىدۇ. شېخى يېيىلىپ ئۆسىدۇ. دەرەخ تاجى كەڭ، قوۋزىقى ئاقۇچ يېشىل بولۇپ رەتسىز تۆكۈلىدۇ، تۆكۈلگەن ئورۇن ئاچ يېشىل، پارقىراق بولىدۇ. يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، تەگ يوپۇرمىقى بولىدۇ، ئالىقانسىمان يېرىلىدۇ. يوپۇرماق ئايلانمىسى بەش بۇلۇڭ شەكىللىك، يوپۇرماق شەكلى ئۆسۈش ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمايدۇ، دەرەخ تاجىنىڭ تۈۋى قىسمىدا ئۆسىدىغانلىرى كىچىك، تار، گىرۋىكى يېرىلغان ۋە ھەرە چىشلىرى ئازلاپ بارىدۇ؛ دەرەخ تاجىنىڭ ئۈستىدە ئۆسىدىغانلىرى چوڭ، يېرىقچىسى چوڭقۇر، گىرۋىكىدىكى ھەرە چىشى كۆپ، تۈۋىنىڭ يوپۇرماق سېپىغا يېقىن قىسمى ئويمانلىشىپ كەتكەن، يۈرەكسىمان بولىدۇ. گۈل رېتى شار شەكىللىك بولۇپ دائىم ئىككى دانىسى بىر باغلام بولۇپ ئۆسىدۇ. گۈلى يەككە جىنىسلىق، ئاتىلىق، ئانىلىقى بىر تۈپتە ئۆسىدۇ. مۇرەككەپ مېۋىسىنىڭ دىئامېترى 5.2 - 5.3 سانتىمېتر، قاتتىق شاكاللىق مېۋىسىنىڭ تۈۋىدە ئۇزۇن تۈك بولىدۇ، ئەسلى ماكانى ياۋروپا بولۇپ، جۇڭگودىمۇ يول ياقىلىرى ۋە باغچىلارغا تىكىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. چىنار دەرىخىنىڭ يوپۇرماق ۋە شاخلىرى قويۇق بولۇپ، تىكسە ئاسان تۇتىدۇ. كۆپىنچە قەلەمچە ئارقىلىق كۆپەيتىلىدۇ، ئۆسۈشى تېز ھەر قانداق ۋاقىتتا قايچىلاپ ياساشقا بولىدۇ، ئىس - تۈتەك ۋە توزانغا چىداملىق كېلىدۇ.