UyghurMain Dictionary
چىنا دىنى
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى ھىندىستاندا پەيدا بولغان دىن. ئۇنىڭ ئاساسچىسى ۋاردخامانا. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا پاتالىپۇترا (ھازىرقى پاتنا) نىڭ شىمالىدىكى ۋايىسىيادا تۇغۇلغان، ساكيامونى بىلەن دەۋرداش، بەلكى ئۇنىڭدىن ئۇزۇنراق ياشىغان بولسا كېرەك، شۇ چاغدىكى <ئالتە چوڭ ئۇستاز> نىڭ بىرى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ 30 يېشىدا ئۆيىدىن چىقىپ، 12 يىل قاتتىق بېرىلىپ ئۆگىنىپ، دىنىي ئۆلىما بولۇپ، <ماھاۋىرا> دەپ ئاتالغانىكەن، شۇنداقلا <چىنا> (<غەلىبە قىلغۇچى>) دەپ نام ئالغان. بۇددا نومىنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسىدىمۇ نىگەنزى ياكى نىجيەنزى دەپ ئاتالغان. يەنە رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى 23 بۇدساتۋا ئۆتكەنىكەن، ئۇ 24-سى ئىكەن. ۋاردخامانا ھەر قايسى جايلاردا 30 يىل دىن تارقىتىپ، 72 يېشىدا پاۋادا ئۆلگەن. چىنا دىنى بىلەن بۇددا دىنى بىرلا ۋاقىتتا ئەۋج ئالغان، بۇ دىن براخمان دىنىغا قارشى پىكىر ئېقىمىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ ماددىي دۇنيا ۋە سانسىزلىغان روھىڭ مەۋجۇتلۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. <كارمەتنىڭ نۆۋەتلىشىشى> ۋە <سەۋەبىيەت جازاسى> تەلىماتىنى تەشەببۇس قىلغان، ماددىنىڭ ئۆلۈشى، روھنىڭ يۆتكىلىشىدۇر، روھ يۆتكەلگەن جاي ئۇنىڭ قىلمىشىنىڭ (سەۋەب) مۇكاپاتىدۇر. ياخشىلىققا ياخشىلىق، يامانلىققا يامانلىق مۇكاپاتلىندۇ، دەپ قارىغان. ئۇنىڭ مۇرىتلىرى قاتتىق بېرىلىپ ئۆگىنىش ئارقىسىدا ماددىي دۇنيانىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، روھىي ئاادىلىكنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە (سانساردىن قۇتۇلۇش) يېتىدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن، <ئۈچ ئەنگۈشتەر> گە ئەمەل قىلىش، يەنى ھەقىقەتنى بىلىش، ھەقىقەتكە ئېتىقاد قىلىش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە ئاساسەن مۇناق بەشن قىلماسلىقنى ئادا قىلىش، يەنى: تىرىك جاننى ئۆلتۈرمەسلىك يالغان ئېيتمالسىق، ئوغرىلىق قىلمالسىق، زىنا قىلماسلىق، تاپاۋەت قىلماسلىق كېرەك، دەپ قارىغان. ئۇ نەزىر - چىراغقا قارشى تۇرغان (تىرىك جاننى ئۆلتۈرمەسلىك) ۋە زاھىتلىقنى يولغا قويۇش چىنا دىنىنىڭ ئالاھىدىلىكى. ئۇنىڭ ئەڭ دەسلەپكى كالامى <ئون ئىككى سانگا>. باشقا دىنلار بىلەن مۇنازىرىلىشىش داۋامىدا ھىندىستاننىڭ لوگىكا نەزەرىيىسى تەرەققىي قىلغان. مىلادىنىڭ ئالدى - كەينىدە، <تۇغمىلار (يالىڭاچلار)> ۋە <ئاق كىيىملىكلەر>گە بۆلۈنگەن. ئوتتۇرا قەدىمكى زاماندا چىنا دىنى كەڭ تارقالغان، ھىندىستاندا ئۇنىڭ يەنىلا مەلۇم تەسىرى بار.