UyghurMain Dictionary
چىگۇڭ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
خەنزۇچە
تەنتەربىيە
مەملىكىتىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس بىر خىل بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۇسۇلى. ئاساسىي جەھەتتىن ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. بىرىدە جىم تۇرۇش، جىم ئولتۇرۇش ياكى جىم يېتىش ئارقىلىق دىققەتنى يىغىپ، ئالاھىدە ئۇسۇل بىلەن نەپەس ئېلىش ئارقىلىق بەدەننىڭ ئايلىنىش، ھەزىم قىلىش سىستېمىلىرىنىڭ خىزمىتى ئاشۇرۇلىدۇ؛ يەنە بىرىدە ئەۋرىشىم تەنھەرىكەت گىمناستىكىسى، ئەملەش قاتارىق ئۇسۇللار بىلەن دائىم بەدەن چېنىقتۇرۇپ تۇرۇش ئارقىلىق، بەدەننىڭ ساغلاملىق دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.