UyghurMain Dictionary
چىگمەك
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئادەم، ھايۋان ۋە نەرسىنى يىپ، ئارغامچا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلار بىلەن چاتماق، قاچالماس، چېچىلماس قىلىپ قويماق.
يەشمەك ، بوشاتماق، باغلاق، تۈگەك، چىگىك، تېڭىق
نەرسىلەرنى بوش، ئەركىن قىلماق.
بوينىدىن باغلىغان ئىت ئوۋغا يارىماس. غۇلىغان تاغنى ئارغامچىدا باغلىغىلى بولماس. ئۆزۈڭ تۈگكەن تۈگۈننى ئۆزۈڭ يەش. باغلىماق ئاسان، يەشمەك تەس. ئۆلگەن بولسا ئېڭىكىنى تاڭاي، تىرىك بولسا يارىسىنى. چىگكەن چىگىشنى يەشمەك قىيىن. باغلاقلىق قويلارنى بوشىتىۋەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىر نەرسىنىڭ ئۇچىنى يەنە بىر نەرسىگە تۈگۈن سېلىپ ئۇلىماق، باغلىماق.
ئۇ يانچۇقىدىن پىششىق يىپ چىقىرىپ، ئىشىك ئىلغۇچىنىڭ موتىكىگە چىڭ چىگدى.
گىرە قىلىپ سالماق، تاقىماق.
لەيلىگۈل زۇمرەتنى باغرىغا بېسىپ، پېشانىسىدىن سۆيدى ۋە ئۇنىڭغا ئاتاپ ئەكەلگەن ھاۋا رەڭ گاز ياغلىقىنى بوينىغا چىگىپ قويدى.
بىرەر نەرسىنى ئوراپ يۆگەپ تاڭماق.
ئەتىسى ئەپەندىم بىر ياغلىققا تۆت - بەش تاشنى چىگىپ، قازىخانىغا بېرىپتۇ.