UyghurMain Dictionary
چاقىرغان يەردىن قالما چاقىرمىغان يەرگە بارما
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بۇ، ھەركىم كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ مۇناسىۋەت قائىدە - يوسۇنلىرىغا ئەمەل قىلىپ، بېرىشقا تېگىشلىك مەرىكە سورۇنلىرىغا قاتنىشىپ، بېرىشقا تېگىشىلىك بولمىغان مېھماندارچىلىققا بارماي، ئىززەت، ئىناۋەت، غۇرۇرىنى ساقلاش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ: - بىزدە «چاقىرغان يەردىن قالما، چاقىرمىغان يەرگە بارما» دېگەن ماقال بار. ئەلۋەتتە بارىمەن، - دېدىم مەن ئۇنىڭغا.