UyghurMain Dictionary
چاقا
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
ئادەم بەدىنىدە پەيدا بولغان ئۇششاق يارا، جاراھەت.
چاقا چىقماق.* چاقىنى كوچىلىساڭ چوڭىيىدۇ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
1. مېتالدىن ياسالغان چاقا پۇل، تىيىن. چاقىڭىز جىڭمۇ؟
2. ئاز _ پاز دەسمايە، ئاز مىقداردىكى ئاقچا. ئاتقا تاقا كېرەك، سودىگەرگە چاقا ( ماقال ).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
ئۈزۈمنىڭ قۇرۇتۇپ كىشمىش قىلىش ئۈچۈن چۈنچىگە ئورنىتىلغان ياغاچ قۇرۇلما. چاقىغا ئۈزۈم ئاسماق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تىغدىن، قاتتىق ئۇرۇلۇشتىن، ماددا ئالماشتۇرۇشنىڭ بۇزۇلۇشىدىن بولىدىغان شىكەستە.
<يېغىر> ئات - ئۇلاققا قارىتا ئېيتىلغان.
قول يارىسى كېتەر، دىل يارىسى كەتمەس. ئۇنىڭ يارىسىغا تەگمە. يارىسىغا تۇز سەپمە. جاراھەتنىڭ ئاغرىقى جاننى ئاېلىپ، جاڭگالدا قويىدۇ. چاقاڭ ساقايغۇچە چالۋاقىما. قېتىقنىڭ ئىچى زىدە، گالۋاڭنىڭ بېشى زىدە. كۈچلۈكلەردىن زەخمەت يېمەي دېسەڭ، كۈچسىزلەرگە پايدا يەتكۈز. توختى ئاخۇننىڭ ئېتى ئېگەر غاجىلاپ يېغىر بوپ قاپتۇ.
شىۋىلەر
قەشقەر شىۋىسى
پۇل، ئاقچا، تەڭگە. مەسىلەن: ئۇنىڭ نەرقى ئون چاقا.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
چاقا - ئومۇمەن مىستىن قۇيۇلغان پارچە پۇلنىڭ نامى بولۇپ، 1900 - يىللار ئالدى - كەينىدە ئىشلىتىلگەن. 50 چاقا بىر كۈمۈش تەڭگىگە باراۋەر بولغان. چاقا - چاقا پۇل، پۇل دەپمۇ ئاتالغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئومۇمەن مىسكە ئوخشاش مېتاللاردىن ياسىلىدىغان پارچە پۇل؛ تىيىن.
ئاز مىقداردىكى ئاقچا، پۇل، مەبلەغ.
كارۋانغا تاقا لازىم، سودىگەرگە چاقا (ماقال).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئادەم بەدىنىدە ھاسىل بولغان كىچىك يارا؛ جاراھەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئۈزۈم ئېسىپ قۇرۇتۇش ئۈچۈن چۈنجىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ياغاچ قۇرۇلما. ئۇنىڭ غول قىسمىدىكى تۆشۈكچىلەردىن چاپراس قىلىپ - چەمەك ئۆتكۈزۈلىدۇ.