UyghurMain Dictionary
چاچرىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
تاشقى تەسىر تۈپەيلىدىن پارچىلىنىپ ئېتىلماق، چېچىلماق (سۇيۇقلۇق ھەققىدە).
سۇ چاچرىماق. يۇندى چاچرىماق.
پوققا چالما ئاتساڭ، ئۆزۈڭگە چاچرار (ماقال).
ئۇششاقلىنىپ، ئاجرىلىپ، ئېتىلىپ چىقماق (قاتتىق نەرسە ھەققىدە).
ئوت چاچرىماق. يېرىندى چاچرىماق.
تېز ھەرىكەت قىلماق؛ ئىرغىپ چىقماق، سەكرىمەك.
چاچراپ تۇرماق. چاچراپ قوپماق.
چېچەكتىن ئايرىلىپ مېۋىگە كىرمەك؛ غورىلىماق، خەمەكلىمەك، مېۋىلىمەك (گۈل - گىياھ، ئۆسۈملۈك ھەققىدە).
ھازىر سويمىلارنىڭ چوڭى باشتەك كىچىكلىرى كەپتەر تۇخۇمىدەك، يېڭى چاچراۋاتقانلىرىمۇ بار ئىدى.
چۈشۈپ كەتمەك (ھامىلە ھەققىدە).
تۆرەخاننىڭ ئانىسى دەناخان تۆرەخاندىن بۇرۇن ئاق - قارا تۆتنى تۇغقان بولۇپ، ھەممىسى چاچراپ كەتكەنىدى.
كۆچمە. ئۇرغۇماق، تاشماق، ئۆرلىمەك، يانماق (مېھىر - مۇھەببەت ۋە غەزەپ - نەپرەت ھەققىدە).
ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن غەزەپ ئۇچقۇنى چاچراپ تۇراتتى.