UyghurMain Dictionary
چاچراتقۇ
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، كونا كىرەشكە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 80 ~ 100 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يىلتىزى توم، ئۇزۇن، تاشقى پوستى جىگەر رەڭ، پۇراقلىق، غولى تىك ئۆسكەن، ئوتتۇرىسى كاۋاك؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، ئىككى - ئۈچ قايتىلانغان، پەيسىمان يېرىلغان، ھەربىر يېرىقچىلىرى سوقىچاق ياكى ئۇزۇن يۇمىلاق شەكىلدە، گىرۋىكى ھەرە چىشسىمان، يوپۇرماق ساپىقىنىڭ تۈۋى كېڭەيگەن بولۇپ، يوپۇرماق غىلاپى ھاسىل قىلىپ، ئۇششاق تۈكچىلەر بىلەن قاپلانغان؛ گۈل رېتى مۇرەككەپ كۈنلۈكسىمان، ئۇچىدا ئۆسكەن، ئومۇمىي گۈل سېپىنى ئۇششاق تۈكچىلەر زىچ قاپلايدۇ، گۈلى كىچىك، ئاق، قوش ئاسما مېۋىسى ئۇزۇن ياپىلاق دۈگىلەك شەكىلدە بولۇپ، كەڭرەك قاناتلىق كېلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ئەتىياز، كۈز پەسىللىرىدە كولىۋېلىپ پاكىز يۇيۇپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، تولۇق نەمدەپ نېپىز كېسىپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دەريا ۋادىلىرى ۋە ئورمان ئارىلىرىدا ئۆسىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
سوغۇقنى تارقىتىش، يەل ھەيدەش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، ئاغرىق توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 8 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
12 گرام چاچراتقۇنى 20 گرام ئۈجمە شېخى، 12 گرام قارىغاي پۇتىقى، سەككىز گرام ئۇچقات پېلىكى، 10 تال چىلان بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
سەككىز گرام چاچراتقۇنى 20 گرام بۇزۇن، 15 گرام قاقىرا تۇمشۇق بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بەل ئاغرىقى ۋە بەل گۆشى زەخىملىنىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى چاچراتقۇ دەملەپ ئىچىپ بەرسە، سوغۇق شامالدىن بولغان زۇكام ۋە باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، يۇقۇملىنىش ۋە باشقا سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
بالىلارنىڭ يۈز قىسمى ياكى پۇت - قوللىرىدا دەسلەپ قىزىل داغلىق چوڭ - كىچىكلىكى پۇرچاق ياكى تىرناقتەك چوڭلۇقتا غودۇر - بۇدۇر يىرىڭلىق ياكى سۇلۇق يىرىڭلىق قاپارتقۇ پەيدا بولۇش، قىچىشىش، قاشلىغاندا ئۇچى بۇزۇلۇپ، شەلۋەرەپ قاقاچ ۋە تۈگۈنچە ھاسىل قىلىش، ئاققان سۇ ۋە يىرىڭ نەگە تەگسە شۇ يەردە يۇقۇملىنىش پەيدا بولۇپ، ساق تېرىلەرگە تارقىلىش، بەزىدە بىرنەچچىسى بىر - بىرىگە تۇتىشىپ سۇ ساقىپ تۇرىدىغان شەلۋەرەشلىك جاراھەت ھاسىل قىلىش، بەزىدە لىمفا تۈگۈنلىرى يوغىناش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
چۆپچىنى 30 گرام، بەدىيان، ئامىلە، سېرىق ھېلىلە پوستى، قارا ھېلىلە، كابۇل ھېلىلىسى پوستى، جۇۋىنە، شاقاقۇل، جويۇز، بوزىدان، سەۋزە ئۇرۇقى، ئۇد ھىندى، دارچىن، بەسباسە، سۇمبۇل، ئاسارۇن، قەلەمپۇر، سۆرۈنجان مىسىرى، خولىنجان، سۆئدى كۇپى، پىلپىل، زەپەر، كۇندۇر، زەنجىۋىل 01 گرامدىن، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
سېرىق ھېلىلە پوستى، كابۇل ھېلىلىسى پوستى، قارا ھېلىلە 15 گرامدىن، سەبرە سۇقۇترى 20 گرام، سوقمۇنىيا 5.7 گرام، شاھتەررە 100 گرام، قىزىلگۈل سەككىز گرام، سانا ئالتە گرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئەرىقى شاھتەررە بىلەن يۇغۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە بىر قېتىم 4 ~ 6 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
كىبرىت 20 گرام، قوي يېغى 60 گرام، قىچا يېغى 20 گرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
قىچا بىلەن كىبرىتنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن قوي يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە 3 ~ 4 قېتىم سىرتىدىن ياغلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بەدەندە، يۈزدە پەيدا بولىدىغان يىرىڭسىمان سۇلۇق يارا.
چاچراتقۇ چىقماق.