UyghurMain Dictionary
بېزەڭ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يوقىلاڭ تۆھمەت بىلەن كىشىگە يولسىز چاپلىشىۋالىدىغان، غەرەز ئۇقمايدىغان.
<بىشەم> كۆپرەك ئاياللارغا قارىتىلىدۇ.
<ئىستارە>، <بەتكەردە> خوتەن دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
باتۇر ئاڭقاۋ كېلىدۇ. پالۋان ئۆكتەم. بىشەم خوتۇن بەش كۈنلۈك، بېزەڭ يولداش بىر كۈنلۈك. ئۇششۇق ئۇشتۇمتۇتلا ئېسىلىدۇ. مۇتتەھەم كىمنىڭ ئېشىنى يېسە، شۇنىڭ بېشىنى يەيدۇ. قەلەم بىچارە، موللا ئىستارە. بەتكەردىدىن يىراق بول.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش ھەرىكىتى، يۈرۈش - تۇرۇشى سۇس، گەپ - سۆزى جايىدا ئەمەس، قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان كىشى.
لامزەللە ئەردىن كەسكىن خوتۇن ئەلا. لايغەزەلدىن لاي ياخشى. بوشاڭ بېشىنى يەر. بېزەك ئادەمنى بەزدۈرىدۇ. لاتىغىلاپ ئادەم - غىلاپ بەندىسى. بىلىنىڭ تۆۋىنىگە سۇيۇقئاش بارمىغان ئۇ نىمىدىن ئۈمىد يوق. سېنىڭ ئۇ نېمەڭ ئاغزىدىن گېپى چۈشۈپ قالىدىغان ئادەم ئىكەن.