UyghurMain Dictionary
بېسىق
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
1 . بىكار ئەمەس، ئالدىراش، باس - باس.
سەن ئىشىمىز تازا ئالدىراش ۋاقتىدا كېلىپ قالدىڭ.
2 . ئۆزىنى تۇتۇۋالماق، تەمكىن، سالماق، ئېغىر، ئېغىر - بېسىق. بېسىق بول بالام، ئېغىر - بېسىقلىق ياخشى پەزىلەت.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
بېسىقماق، بېسىقىش. بېسىلماق، پەسلىمەك، جىمىماق، تىنجىماق.
قاتتىق جېدەل بىر دەمدىلا بېسىقتى. * قاتتىق يېغىۋاتقان قار ئاستا -ئاستا بېسىقتى.
شىۋىلەر
غۇلجا شىۋىسى
ئېغىز؛ پەسكارىغا چۈشۈپ قالماق. مەسىلەن: دادىسىنىڭ پەيلىگە قاراپ، ئوغلى خېلى بېسىقىغا چۈشۈپ قالدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
بىكار ئەمەس، ئالدىراش، باس - باس.
- مۇشۇنداق ئىشنىڭ بېسىق ۋاقتىدا نۇرۇم نەدە يۈرىدىغاندۇ، - دېدى زورىخان.
ئۆزىنى تۇتۇۋالغان، سالماق، تەمكىن: مىجەزى بېسىق.