Uyghur←ChineseMain Dictionary
بۇشېز
Domain: دۇنيا تارىخى标谢
biāo xiè
(1796 - 1865) فرانسىيىلىك سىياسىي ئەرباب، تارىخشۇناس. دەسلەپتە دوختۇرلۇق قىلغان. تىرىلىش مەزگىلىدە كوكسىچىلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1825 - 1830 - يىللىرى سېن - سىمونىزمچى بولغان. كېيىن خرىستىئان سوتسىيالىزمى مۇتەپەككۇرغا ئايلىنىپ، كاتولىك دىنى بىلەن سوتسىيالىزمنى كېلىشتۈرمەكچى بولغان. دۆلەتنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئىشچىلار ئىشلەپچىقىرىش ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان. <دوكان> ژۇرنىلىنى چىقارغان. 1848-يىلى 5-، 6-ئايلاردا ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. 1849-يىلىدىن باشلاپ سىياسىي ساھەدىن چېكىنىپ چىققان. 40 توملۇق <فرانسىيە ئىنقىلابىي پارلامېنتىنىڭ تارىخى> دېگەن كىتابنى تۈزۈپ چىققان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.