Uyghur←ChineseMain Dictionary
برۇنې
Domain: دۇنيا تارىخى比鲁尼
bǐ lǔ ní
(973 - 1048) تولۇق ئاتىلىشى: ئەبۇ رەيھان ئەل برۇنې، ئوتتۇرا ئاسىيالىق مەشھۇر ئالىم. خارەزمدە تۇغۇلغان. كېيىن غەزنەگە كۆچۈپ بارغان ھەمدە كۆپ يىل ھىندىستاندا مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. 1031-يىلى <ھىندىستان تەزكىرىسى> دېگەن ئەسىرىدە، ئاساسەن، قەدىمكى ئەللەر خەلقلىرىنىڭ يىلنامە ۋە دەۋرلىرىنى مۇھاكىمە قىلغان يەنە <مەسئۇدى ئاسترونومىيىسى ۋە جۇغراپىيىلىك ئۆلچەپ - سىزىشنىڭ نازۇكلۇق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇغراپىيىلىك ھادىسىلەرنى قىزىكىلىق ۋە ماتېماتىكىلىق قائىدىلەر بىلەن چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقان. ئۇ ئوتتۇرا ئەسىردە يەر شارىنىڭ مېرىدىئان ۋە پاراللېل گرادۇسلىرىنى ھەممىدىن ئاۋۋال توغرا ئۆلچەپ چىققان ئالىم بولۇپ قالغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.